Jeck چەتكە چىقىشقا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشقا ئىھتىياجى بارلارغا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ Study Abroad Service Available
چەتكە چىقىشتا پاسپورت بىجىرىشتىن باشقا ھالقىلار ھەممىسى ئۈزى قىلالايدىغان ئىش ھەم ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان چەتكە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلار ۋە ياكى باشقا سەۋەپ بىلەن چىققانلار ھەممىسى ئۈزى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا تور بولسا، توردىن ئىزدىيەلىسە ۋە شۇنداقلا ئازراق ئىنگىلىز تىلى ( ۋە ياكى ئۈزى چىقماقچى بولغان دۆلەتنىڭ تىلى) نى بىلسىلا ھەممە ئادەم ئۈزى قىلىپ كىتەلەيدۇ. ئوتتۇرىدا مەسىلىلەرگە ئۇچرىسا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بارلار مەسلەھەت بىرىپ يول كۈرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ. لېكىن مەسلەھەت بىرىپ كىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەم ئۈزىنىڭ خىزمەت، ئائىلە، ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغانلىغى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلارنىڭ ماتىرىيالىنى بىردىنبىر كۆرۈپ ئۇلارغا ماس كىلىدىغان مەكتەپ ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى يېزىش، 10 نەچچە مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش، نەتىجىسىنى كۆتۇش، مەكتەپكە تېلفۇن قىلىش، ۋىزىغا كىتىدىغان ماتىرىياللىرىنى تەييارلاپ بىرىش دىگەندەك قول تۇتىدىغان ئىشلارنى تەپسىلى ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ بىرەلمەيدۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە كۈزىتىشىمچە چەتكە چىقماقچى بولغانلار ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن ئىچكىردىكى ۋە ئۈرۈمچىدىكى چەتكە چىقىش شىركەتلىرىگە قويۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ. مىنىڭ ئاڭلىغانلىرىم ئىچىدە، ماڭا كىلىۋاتقان خەتلەر ئىچىدە كەم دىگەندە 20مىڭ سومدىن تارتىپ جىق بولغاندا 150مىڭگىچە قويۇلۇپ كىتىپ خەقنى تاپالماي پۇلىنى ئالالماي يۈرگەنلەر بىر مۇنچىسى بار. ئويلاپ باقسام شۇ ۋاستىچى شىركەتلەر قىلغاننىڭ ھەممىسىنى مەن قىلالايدىكەنمەن ھەم خەقنى ئالدىمايمەن. مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ مەنمۇ شۇنداق مۇلازىمەت قىلاي دەپ ئويلىدىم. شۇڭا ئۈزى ھەقىقەتەن قىلالماي ۋاستىچى شىركەت ئىزدەپ ئىشلىرىنى قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلار پۇلى بارلار مىنى ئىزدىسەڭلار بۇلىدۇ. مەيلى قايسى تۈر بولسۇن مۇلازىمەت ھەققى ۋاستىچى شىركەتلەردىن ئەرزان بۇلىدۇ. شۇڭا ئاۋل ۋاستىچى شىركەتلەرنى ئىزدەپ ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللەپ ئاندىن مىنى ئىزدىسەڭلار بۇلىدۇ. (مەسلەت ئالىدىغانلار بۇرۇنقىدەكلا مۇت، يەنى ھەقسىز، ۋاستىچى شىركەتلەرگە ھاۋالە قىلىپ ئۇلارنىڭ دىگەنلىرى يالغانمۇ راستمۇ، ئادەم ئالدامدۇ قانداق دەپ خەت يېزىۋاتقانلارمۇ بۇرۇنقىدەقلا ئىزدەۋەرسەڭلار بۇلىدۇ، مۇتقا). ئامرىكا ئەمەس باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇلىدۇ.
نەزىرىيە جەھەتتىن ۋاستىچى شىركەتلەر قىلىپ بىرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بىرىمەن، مەسىلەن :
1. ئاۋال ئەھۋالنى چۈشىنىپ سىزگە ماس كىلىدىغان مەسلەھەت بىجىرىش
2. سىزگە ماس كىلىدىغان بىر نەچچە تەكلىپ تەييارلاپ سىزگە بىرىش،
3. بىر تەكلىپنى تاللىغاندىن كىيىن شۇنىڭغا كىتىدىغان ماتىرىياللارنى يېزىش، ئىلتىماس قىلىش،
4. مەكتەپتىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش،
5. ئەلچىخانىغا كىرىدىغان ماتىرىياللارنى تەييارلاپ سىزنى ئەلچىخانىغا ۋىزا ئالغۇدەك قىلىش.
6. ئوتتۇرىدىكى يەنە چوڭ كىچىك ئۇششاق ئىشلار.
7. مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشتا مۇھىم بولغان ماقالە دىگەندەك نەرسىلەرنى ئامرىكىدىكى مۇشۇ جەھەتتىكى ئوزۇن مەزگىل مۇلازىمەت قىلىپ كىلىۋاتقانلارغا يازغۇزۇپ بىرىمەن ياكى تۈزەتكۈزىمەن.
ئۇندىن كىيىن ئارلىقتىكى مۇھىم ھالقا بولغان پاسپورت بىجىرىش مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ (بىلىشىمچە ۋاستىچى شىركەتلەرمۇ بۇنى قىلالمايدۇ) لېكىن پاسپورت بىجىرىشقىچە كىتىدىغان تەكلىپنامىنى قىلغىلى بۇلىدۇ. ئەلچىخانىدىن بولۇپمۇ ئامرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىپ بىرىمەن دەپ ھىچكىم دىيەلمەيدۇ، لېكىن ئالدىدىكى تەييارلىقلىرىنى ياخشى قىلىشىپ بەرگىلى بۇلىدۇ.
ئامرىكىدا ئوقۇش تۈرلىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش، كىلىپ قسىقا ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك تىل مەكتەپتە ئوقۇش، ئادەتتىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇش نامى بىلەن كىرىپ ئامرىكىدا ئويناپ كىتىش دىگەنلەرنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇندىن باشقا سودا ئىشلىرى بىلەن كىلىمەن دىگەنلەرگىمۇ مۇۋاپىق تەكلىپنامە تېپىپ بەرگىلى بۇلىدۇ ( مۇشۇ يەردىكى شۇنداق شىركەتلەرنى ئىزدەپ پۇل بىرىپ دىگەندەك).
ئامرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى بىۋاستە مەكتەپكە ئۈزەڭلار ئىلتىماس قىلىڭلار. چۇنكى باكلاۋىر پۈتتۈرگەن ئادەم بۇنى قىلىپ كىتەلەيدۇ ھەم مەن چوقۇم قۇبۇل قىلدۇرۇپ بىرەلەيمەن دىيەلمەيمەن، ئوقۇش مۇكاپاتى تېخىمۇ تەس. ئۈستىدە دىگەنلىرىممۇ ھەممىسى ئۈزى پۇل تۆلەشنى خالايدىغان پۇلى بارلار ئۈچۈن ئېيتىلغان. ئەمما مەكتەپلا بولسا مەيلى، پۇل تۆلەشنى خالايمەن، ئۈزەم قىلالمايمەن دەيدىغانلار بولسا مەيلى.
ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغانلار بۇرۇن ئالاقىلىشىشى كىرەك، باشلىغاندىن تارتىپ مەكتەپكە كىرىپ بولغۇچە بەلكىم 6 ئايدىن بىر يىلغىچە ۋاقىت كىتىدۇ.
شۇنداق ئىھتىياجى بارلار بىۋاستە مەن بىلەن ئاۋال ئىلخەت بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بۇلىدۇ، ئاندىن مەن تېلفۇن ئۇرىمەن، ئىلخەت ئادىرسى: jeck217@gmail.com

سالام
بىلوگىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن خوشال بولدۇم.
مىىڭ كۈچۈم يىتىدىغان ئىشلار بولسا قۇلۇم كۆكسۈمدە.مەنمۇ مۇتقا.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام
ياخشى ئىش ئىكەن.
مىنىڭ كۈچۈم يىتىدىغان يېرى بولۇپ قالسا مىنىڭ قۇلۇممۇ كۆكسۈمدە،مۇتقا.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بلوگىڭىزنىڭ ئەسلى كەلگەنلىكىگە مۇبارەك! ئەتراپىمدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ قويسام بولغۇدەك، بىر ساۋاقدىشىم پاسپورت بېجىرىپ بولالماي تۇراتتى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىشەنچىلىك، بولىدىغان ئىش ئىكەن جۇمۇ ماۋۇ… قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن. RenRen دىمۇ كۆپرەك تەشۋىقات قىلىپ قويۇڭ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ماقالىنىڭ ئادرىسى : http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=redirect&tid=613&goto=lastpost#lastpost
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جېك ئەپەندى، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ... بىلوگىڭىزنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاپ بەكمۇ ياخشى قىلىۋاپسىز. بىلوگىڭىز داۋاملىق تەرەققىي قىلغاي . ...
ئەسلى تېما ئەخلەتخانىغا تاشلانغان ئوخشايدۇ. ئاچسام ئېچىلمىدى. مۇشۇ يەردە ساقلانغانلىرىنى ئوقۇپ تۇراي بولدى.
قارىغاندا بۇنىڭدىن كىيىن خوتەن قاشتېشىنىڭ قېىممىتى بارغانچە ئاشىدىكەندە. لېكىن بۇ ئاشقان قىممەتنىڭ ئاشۇ نامرات دېھقانلارغا ئازراق پايدىسى تەككەن بولسا نېمە ...
بىز تىخى بىلمەيدىكەنمىز تېمىڭىزنى ئوقۇپ خىلى بىلىمگە ئگە بولدۇم
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر ئاز ئەمەس . تۆۋەندە مەن ئۇزغان پۇتبول تورىدىكى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئۇللانمىنى . جىك خالىسا مەزمۇن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەدە.~! مەيلى بىز قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانمايلى بىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىمىز ئىنتايىن مۇھىم،بىراق بەزى ئىنىق ياكى ئىنىق ئەمەس سەۋەبلەر تۈپەيلى ...
ئەسسالام ئەلەيكۇم! مەن بۇ يازمىڭىزدىكى باشقا قىزىق نۇقتىلارغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، بىراق، «بىرىنچى ۋەقە» ھەققىدە ئاز-تولا بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ ...
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ: Facebook، RenRen, QQ
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel