Articles tagged with: Drugs
ئامرىكدىكى ئىشلار »
بۇ ئالدىنقى ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېر دىگەن تىمىنىڭ ئاخىرى. ئوخشاشلا بىلىكتىكى ئامرىكىلىقلار بىلەن سۆھبەت تە چۈشكەن بىر قىسىم سۇئاللارغا جاۋاپ تەرىقىسىدە يېزىلغان. ئاخىرى يەنە يېزىلىدۇ. سۇئالنىڭ ئۈزىنى شۇ تىمىدىن كۆرۈڭ.
ئامرىكىدا چوڭ
تىپتىكى تاللا بازىرى مەسىلەن Wall Mart نىڭ ئىچىدىلا قورال ياراق
ساتىدىغان پۇكىيى بار. ئەينەكتىن قوراللارنى كۆرۈپ باققان. ئۇندىن باشقا
يەنە مەخسۇس قورال ياراق سېتىش دوكانلىرى بار. ئۇنداق يەرگە مەن كىرىپ
باقماپتىمەن. لېكىن ھازىر كۆپىنچە شىىتاتلاردا كىرىپلا سېتىۋالغىلى
بولمايدۇ. كىرىپ تاللاپ بولغاندىن كىيىن دوكان سىزنى تىزىملاپ قويۇپ ئاۋال
ھۈكۈمەت ئورۇنلىرى سىزنىڭ ئارقا كۈرۈنۈشىڭىز، جىنايەت ئۆتكۈزۇش تارىخى
ياكى مۇمكىنچىلىگى دىگەندەك نەرسىلەرنى تەكشۈرەپ تەستىقلارمىش. ئىنىق
ئەھۋالىنى مەنمۇ …
كولتىگىن »
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققى قىلىپ 21-ئەسىرگە كىرگەن،جۇڭخۇا ئېلىنىڭ بەش مىڭ يىلىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش،خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىۋاتقان، جۇڭگونىڭ يۈز-ئابرويىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەرمىللەت خەلقى تېرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈۋاتقان مەزگىلدە،ئىنسانلارنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ تۆۋەن ئەخلاق ئۆلچىمىنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجۇۋاجۇئاڭ شەھىرىدىكى بوۋاقلار ئۈچۈن سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاتالمىش "داڭلىق كارخانا" سەنلۇ باشچىلىقىدىكى 22كارخانا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىستىمال بۇيۇمغا ئارىلاشتۇرۇش چەكلەنگەن خىمىيىلىك تەركىپ قېتىپ،ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ تاشلاپ،پۈتۈن جوڭگۇ ۋە خەلقئارانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋېنچۇئەندىكى يەر تەۋرەشتە جوڭگۇ خەلقىنىڭ ئېتپاقلىقى،جاپادىن قورقمايدىغان روھى،بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسا …


Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.