ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:سېنتەبىر كىرگەندىن بۇيان، تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە ئىش بولدى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارغا قانۇنىي بەلگىلىمىلەر تىرەك بولدى. يانفون راست ئىسىم بىلەن تورغا كىرىدىغان بولدى. 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، ھەرقايسى تېلىگراف ئالاقە كارخانىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىك تىجارەت ئورۇنلىرى خېرىدارلارغا تورغا كىرىش مۇلازىمىتى قىلغاندا، چوقۇم 2-ئەۋلاد كىملىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئاپپاراتى بىلەن خېرىدارلارنىڭ كىملىكىنى تەھقىقلىگەندىن كېيىن، ئاندىن تورغا كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا خېرىدارلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى ئاپتوماتىك ھالدا تورغا كىرىدۇ، شۇڭا 2-ئەۋلاد كىملىكنى پەرقلەندۈرۈش ئەسلىھەسى سەپلەنمىگەن تىجارەت ئاپپاراتلىرىغا يانفوننى تورغا كىرگۈزۈش رەسمىيىتنى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ۋەكالىتەن بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ.
18ياشقا توشمىغانلار ئېلان ئوبراز ۋەكىلى بولسا بولمايدۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئېلان قانۇنى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ كۈچگە ئىگە بولدى، بۇ يېڭى قانۇندا ئېلان ئوبراز ۋەكىلىنىڭ مەمۇرىي قانۇنىي مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ قانۇندا مۇنداق بەلگىلەندى:18ياشقا توشمىغانلارنى ئېلان ئوبراز ۋەكىلى قىلىشقا بولمايدۇ؛ 14ياشقا توشمىغان بالىلارنى تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئېلانىغا چىقىرىشقا بولمايدۇ، بۇ خىل ئېلانلاردا ئاتا-ئانىلارنى سېتىۋىلىشقا قىزىقتۇرىدىغان مەزمۇنلار بولسا بولمايدۇ.
بازار سىرتىدىكى ئاكسىيە كەسىپكارلىرىغا قارا تىزىملىك ھازىرلاندى 1-سېنتەبىر كۈچكە ئىگە بولغان «بازار سىرتىدىكى ئاكسىيە كەسىپكارلىرىنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسى »مۇنداق دىيىلدى:ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش فوندى شىركىتى، قەرەللىك مال شىركىتى، ئاكسىيەگە مەبلە سېلىش مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە خۇسۇسىي فوند باشقۇرغۇچىلىرى بازار سىرتىدا ئاكسىيە سېتىش ۋە تەۋسىيە قىلىش، بازار سىرتىدا ئاكسىيە مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولسا، شۇنداقلا ئاكسىيە نارارەتچىلىكى ئاپپاراتى ياكى ئۆزى تىزگىنلەيدىغان تەشكىلاتلارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جەمىيەتلەرگە رويخەتكە ئالدۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە بازار سىرتىدا ئاكسىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ئاپپارات ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ.
دېلو بېجىرگەن خادىملارنىڭ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مال-مۈلۈكلەرنى ئۆز ئالدىغا ساقلىشىغا رۇخسەت يوق 1-سېنتەبىر يولغا قويۇلغان« ج خ تارماقلىرىنىڭ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مال-مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇشىغا دائىر بىر نەچچە بەلگىلىمە»دە مۇنداق دىيىلدى:«ھەر دەرىجىلىك ج خ ئاپپاراتلىرىدىن دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مال-مۈلۈكلەرنى پېچەتلەش، تۇتۇپ تۇرۇش ۋە توڭلىتىش تەرتىپى قاتتىق ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا دېلو تۇرغۇزۇلۇش ۋە مەمۇرىي ئىشلار دېلولىرى قوبۇل قىلىنشتىن بۇرۇن، مال-مۈلۈكلەرنى پېچەتلەش، تۇتۇپ تۇرۇش، توڭلىتىش ۋە ئېلىپ قېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، شۇنداقلا دېلو بېجىرگەن خادىملارنىڭ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مال-مۈلۈكلەرنى ئۆز ئالدىغا ساقلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
بىخەتەر بولمىغا يىمەكلىكلەر چاقېرتىۋېلىنىدۇ 1-سېنتەبىر يولغا قويۇلغان«يىمەكلىكلەرنى چاقىرتىۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنداق بەلگىلەندى:«ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش داۋامىدا يىمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكى بايقالسا، يىمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچى ۋا ساتقۇچى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك؛ مەھسۇلات ئاللىقاچان بازارغا كىرىپ بولغان بولسا،يىمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بىخەتەر بولمىغان يىمەكلىكلەرنى چاقىرتىۋېلىشى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ساتقۇچىغا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى، خېرىدارلارغا يىيىشنى توختىتىشىنى دەرھال ئۇقتۇرۇشى، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يىمەكلىك خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى3Cئېتىراپنامىسىدىن ئۆتكۈزۈش مەجبۇرلىنىدۇ دۆلەت سۈپەت-نازارەت باش ئىدارىسى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، بالىلارنىڭ بىخەتەر ئورۇندۇقى مەھسۇلاتلىرىنى 3Cئېتىراپنامسىىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن 3Cئېتىراپنامىسى بازارغا كىرىشنىڭ قاتتىق بەلگىلىمسى بولىدۇ.3Cئېتىراپنامىسىدىن ئۆتكەنلىك بەلگىسىنىڭ ئارقىسىدا بىر يۈرۈش كود نومۇرى بولىدۇ، بۇ كود نومۇرىغا ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە مەھسۇلات ئۇچۇرى جەملىنىدۇ، شۇڭا خېرىدارلار بۇ كود نومۇرىنى دۆلەت سۈپەت ئېتىراپ قىلىش مەركىزىگە دوكلات قىلىش ئارقىلىق مەھسۇلات ئۇچۇرىنى ئىگەللىسە بولىدۇ. پ
ۇقراۋى قەرزنىڭ يىللىق ئۆسۈمى %36تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «ئالىي خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ پۇقراۋى قەرز دېلولىرىنى بېجىرشتە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئالاقىدار بىر نەچچە مەسىلە ھەققىدىكى بەلگىلىمسى » مۇ 1-سېنتەبىر يولغا قويۇلدى. بەلگىلىمىدە يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %24ۋە %36دىگەن ئىككى مۇھىم نىسبەت ئارقىلىق، پۇقراۋى قەرز ئىشلىرىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئۆسۈم مەسىلىسى ھەل قىلىندى.