«پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» تېخى ئاشكارا قويۇلمىدى، «پىلانىتلار ئۇرۇشى 8» ئۆزىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى باشلىماقچى بولدى.
ئىگەللىنىشىچە، ئەسلى پىلاندا كېلەر يىلى 3-ئايدا سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاريدىغان «پىلانىتلار ئۇرۇشى 8» مۇددەتتىن بۇرۇن مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا سۈرەتكە ئېلىشنى باشلايدىكەن. سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش ئورنى ئېرلاندىيەنىڭ غەربى جەنۇبى دېڭىز قىرغىقىدىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى (Skellig Michael) سكېلىگ مايكول ئارىلى. مۇشۇنداق تېز سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىشىدىن، دېسنىي تەرەپنىڭ فىلىمگە قارىتا غايەت زور ئىشەنچىنىڭ بارلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
«Looper » نىڭ رېژىسسورى رىيان جونسون بۇ فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىدۇ. رىيان جونسون بۇندىن ئىلگىرى، بۇ فىلىم«پىلانىتلار ئۇرۇشى 8» نىڭ ئۇسلۇبىنىڭ 70 ۋە 80-يىللاردىكى ئەسلى نۇسخىدىكى «پىلانىتلار ئۇرۇشى» نىڭ ئۈچ بۆلۈمىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇ :«مەن يېڭى بىر فىلىمىنىڭ ئاڭلاشقىلا ئەسلى نۇسخىدىكى «پىلانىتلار ئۇرۇشى» غا تېخىمۇ ئوخشىشىغا تىرىشتىم، جېففىرسون كېمە ئەتىرىتى ئاللىقاچان ئۆچىرەتتە تۇرۇپ «پىلانىتلار ئۇرۇشى 8» نى ساقلاشقا باشلىدى.» دېدى.
ئارتىس تەرەپتە، بېنىسىئو دېل تورو فىلىمدىكى باش سەلبىي رولغا چىقىدۇ. ئالتۇن گلۇبۇس مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جىنا رودىرىگۈز، ئىلگىرى ئالتۇن گلۇبۇس مۇكاپاتىدا نامزاتلىققا ئېرىشكەن تاتىئانا ماسلانى ۋە ئولۋىيا كۇكمۇ تىياتىر گۇرۇپپىسىغا قوشۇلدى.
«پىلانىتلار ئۇرۇشى 8» 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى شىمالى ئامېرىكىدا قويۇشنى بېكىتتى، شۇ ۋاقىت دەل «پىلانىتلار ئۇرۇشى» تۇنجى بۆلۈمى قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىق خاتىرە كۈنى.