ئۆسۈم نىسبىتى ۋە تەييارلىق فوند نىسبىتىنى تەڭلا تۆۋەنلىتىشتىكى مەقسەت، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

ئۆسۈم نىسبىتى ۋە تەييارلىق فوند نىسبىتىنى تەڭلا تۆۋەنلىتىشتىكى مەقسەت، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش

مەنبە : uy.ts.cn       ئاۋاتلىقى 835   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 11-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 مۇھەممەد تۇراپ

   جۇڭگو خەلق بانكىسى 2015 – يىلى 26 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ھېسابىدىكى ئامانەت – قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى يەنىمۇ كېمەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا داۋاملىق تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدى. قارارغا ئاساسەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر يىللىق قەرز پۇلنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پوئېنت تۆۋەنلىتىلىپ % 4.6كە چۈشۈرۈلدى. بىر يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پوئېنت تۆۋەنلىتىلىپ % 1.75كە چۈشۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە باشقا بالداقلاردىكى ئامانەت – قەرز پۇللارنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى، شەخسىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىمۇ مۇناسىپ تەڭشەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەرەلى بىر يىلدىن يۇقىرى بولغان (بىر يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى لەيلىتىشنىڭ يۇقىرى چېكى قويۇۋېتىلدى، قەرەلسىز ئامانەت پۇل ۋە بىر يىلدىن تۆۋەن قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى لەيلىتىشنىڭ يۇقىرى چېكى ئۆزگەرمىدى.

   نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا مەۋجۇت، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش بىر قەدەر گەۋدىلىك. بۇنداق ۋەزىيەتتە پۇل سىياسەت قورالىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنى تەڭشەش ۋە ئىقتىسادنىڭ تەكشى، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ياخشى بولغان پۇل مۇئامىلە مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

   2014 – يىلى نويابىردىن باشلاپ ھازىرغىچە مەركىزى بانكا ئامانەت – قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم تۆۋەنلىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى سىجىل تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلىدى. 2015 – يىلى ئىيۇلدا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قوشۇلما ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى %5.97 بولغان بولۇپ، 2011 – يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم %6تىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلدى. گەرچە يېقىنقى ئىككى ئايدا يېمەكلىك باھاسى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى سەل ئۆرلىگەن بولسىمۇ، مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى يەنىلا تارىختىكى تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقى باھا قورالىنى يەنە بىر قېتىم ئىشلىتىپ ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشنى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشتا دادىل قەدەم تاشلاپ، ئامانەت پۇلدىن باشقا ئۆسۈم نىسبىتىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىپ، ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى لەيلىتىشنىڭ يۇقىرى چېكىنى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگىچە بولۇشقا كېڭەيتتى. كارخانىلار ۋە شەخسلەرگە چوڭ سوممىلىق ئامانەت پۇل چېكى تارقىتىپ، بازار ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ باھاسىنى بېكىتىش ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي كۈچەيتتى. ئامانەت پۇل سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شارائىتىنى ھازىرلىدى. مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، بانكا سىستېمىسىنىڭ ئوبوروتچانلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تولۇقلاپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر قەدەر ياخشى ئەۋزەل مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىر يىلدىن يۇقىرى قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى لەيلىتىش يۇقىرى چېكىنى قويۇۋېتىش ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق قىلغاندا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى باھاسىنى بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت مېخانىزمى ئەندىزىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتەلەيدۇ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ باھاسىنىڭ بازاردىكى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقلىرىنىڭ تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىر يىل ئىچىدىكى قەرەللىك ئامانەت پۇل ۋە قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى لەيلىتىشنىڭ يۇقىرى چېكىنىڭ ئۆزگەرتىلمىگەنلىكى، ‹‹ئاۋۋال ئۇزاق مۇددەتلىك ئامانەت پۇلنى ئاندىن قىسقا مۇددەتلىك ئامانەت پۇلنى ئويلىشىش›› تەك تەرەققىيات ئەندىزىسىدە ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرى چېكىنى قويۇۋېتىشتەك ئىسلاھات پىكىر يولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

 

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2015-09/10/content_451198.htm 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2