
نۇر تورى تەرجىمىسى :
بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئىيۇن، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى نۆۋەتلىك MVP مۇكاپاتى ساھىبى، قەھرىمانلار كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى سىتېفىن كۇررى يېقىندا ئوڭ تىزى يارىلانغانلىقتىن، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئارام ئالىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك بۇ يىل يازدا رىئودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دېمەك كۇررى ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئامېرىكا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سەپىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇ باياناتىدا مۇنداق يازدى : «ئائىلەمدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەتراپلىق ئويلانغاندىن كېيىن، كوماندا ۋە مەن ئامېرىكا ئەرلەر ۋاسكېتبول دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىدىن چېكىنىپ، نۆۋەتتىكى 2016-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىقنى قارار قىلدىم. مەن يېقىندا جېررىيغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ قويدۇم. ئالدىنقى قېتىم ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىكى تەسىراتىم تولىمۇ ياخشى بولغانىدى، بۇ ھەم بۇ قېتىم دۆلەت كوماندىسى تىزىملىكىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى چىقىرىشىمنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرىۋەتتى، ھالبۇكى، يېقىندا ئوشۇق ۋە ئوڭ تىزىمنى يارىلاندۇرىۋالغانلىقىم قاتارلىق بىر قانچە سەۋەب تۈپەيلى، مەن يەنىلا دۆلەت كوماندىسى تىزىملىكىدىن چېكىنىپ چىقىشنى توغرا تاللاش دەپ قارىدىم. ۋەتەن ئۈچۈن USA خېتى چۈشۈرۈلگەن مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىپ كۈرەش قىلىش ھەقىقەتەنمۇ شەرەپلىك بىر ئىش، بىراق پۈتكۈل كەسپىي ھاياتىم بۇ يىل يازلىق ئارام مەزگىلىدە بەدىنىمنى ياخشى ئارام ئالغۇزۇپ، 2017-2016 يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە تەييارلىق قىلىشىمغا موھتاج».

ئامېرىكا ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش دېرىكتورى جېررىي بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن سەل ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، بىراق يەنىلا كۇررىنىڭ قارارىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە : «ھازىرغا قەدەر بىرمۇ توپچى بىرازىلىيەدىكى زىكا ۋىرۇسى تەھدىتى تۈپەيلى تىزىملىكتىن چېكىنمىدى». تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تېخى يېقىندا كامېرون ئانتونى ۋە ئاندرىي قاتارلىق توپچىلار بىردەك بىرازىلىيەدىكى زىكا ۋىرۇسى تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئارقىدىنلا NBA مۇخبىرى مايك رىچمان ئالاقە توردا يازما ئېلان قىلىپ، كۇررى، پائۇل قاتارلىق توپچىلارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن تىزىملىكتىن چېكىنگەنلىكى سەۋەبلىك، ئامېرىكا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى تەشكىللىگۈچى بېك نامزاتىنىڭ لىللارد، كانرىي ۋە ۋېستبىروك، ئىرۋېڭ قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇندىن سىرت، مۇخبىرنىڭ بۈگۈن چاقماق كوماندىسىنى زىيارەت قىلىشىچە، چاقماق كوماندىسىنىڭ باش دېرىكتورى سام پىرېستى چاقماق كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىغان-قاتنىشالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن : «چاقمان كوماندىسى ئىزچىل ئامېرىكا دۆلەت كوماندىسىنى قوللاپ كەلدى، بىراق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىق تاللىشىش يەنىلا توپچىلار ئۆزىگە باغلىق».