نۇر تورى تەرجىمىسى
بىرازىلىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ئايلانما مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەردە ئاياغلاشتى. سان پاۋلو كوماندىسى مېھمان مەيداندا گېيىياس كوماندىسنى 1-0 بىلەن مەغلۇب قىلىپ بىرلەشمىدە تۆتىنچى بولدى. مۇسابىقە تۈگىگەندىن كىيىن سان پاۋلو كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى چېنى رەسمىي پۇتبول مەيدانىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ 22 يىللىق كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
42 ياشلىق چېنى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان قاپقىچى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ 22 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا 1236 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 131 توپ ئۇرغان، نۇقتا توپ بىلەن ئىختىيارى توپ ئۇنىڭ نومۇر ئېلىشىدىكى ئاساسلىق ۋاسىتىسى ۋاسىتە. تاق پەسىللىك توپ ئۇرۇش رېكورتى 21 توپ. 1993-يىلى چېنى سان پاۋلو كوماندىسىغا يۆتكەلگەندىن بۇيان چېكىنگەنگە قەدەر سان پاۋلو كوماندىسىدا تۇرغان.1997-يىلى چېنى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان. لېكىن 9 يىل جەريانىدا ئاران 16 قېتىم مەيدانغا چىققان. 2002-يىلى بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپيونلۇقىغا ئېرىشكەن.