ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرايلى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > شىنجاڭ >

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرايلى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى       ئاۋاتلىقى 2290   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 28-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

  گېزىتىمىز ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بەش ئۆمەككە بۆلۈنۈپ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىغا بېرىپ، ئاقسۇ، سانجى، تارباغاتاي، قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ۋە بىڭتۈەن 3-شىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىدىن ھال سورىدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز، دېدى.

 
  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 27- سېنتەبىر بىڭتۈەن 3-شى يەكەن دېھقانچىلىق مەيدانىغا ھال سوراشقا بارغاندا، يەكەن دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىشخانىسىغا يېڭىدىن مۇدىرلىققا تەيىنلەنگەن چى رۈيفېڭنى بىر كۆرۈپلا تونۇۋالدى. يۈ جېڭشېڭ 2014-يىلى 27- مارت بىڭتۈەن 3-شى تويۇن دېھقانچىلىق مەيدانىغا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە بارغاندا تويۇن دېھقانچىلىق مەيدانى پارتكوم شۇجىسى، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چى رۈيفېڭ رەئىس يۈ جېڭشېڭنى تۇنجى قېتىم كۆرگەنىدى، ئۇ: «مەن ھاياتىمدا رەئىس يۈ جېڭشېڭنى ئىككى قېتىم كۆرگىنىمدىن شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن ۋە تولىمۇ خۇشال بولۇۋاتىمەن»، دېدى.
 
  چى رۈيفېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس يۈ جېڭشېڭ بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، ئېنىق تەلەپ ۋە ئۈمىدلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىمىزگە بولغان رىغبىتى شۇنداقلا زور تۈرتكە. بىزنىڭ تىرىشماسلىققا ھېچقانداق بانايىمىز يوق. ج پ ك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خىزمەتلەردىكى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، يەكەن دېھقانچىلىق مەيدانىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىمىز. 
 
  ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ جېڭيىڭ مۇنداق دېدى: مەن تېلېۋىزوردىن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئاقسۇدىكى كادىرلار ۋە ئاممىدىن ھال سوراش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدىم. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشىنى، شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى تىلەيمەن. 
 
  ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسى قارا دۆۋە كەنتىدىكى دېھقان تۇرغۇن ئەمەت مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى. ھازىر بالىلار مەكتەپتە ئوقۇسا ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلى تاپشۇرمايمىز، بالىلارنىڭ تامىقى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى ھۆكۈمەت تەييار قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىشىمىز، شىنجاڭ ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك، شۇندىلا دۆلىتىمىزگە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا يۈز كېلەلەيمىز.
 
  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دانەنگۇ ئۆزبېك يېزىسى ئاققاباق كەنتىگە خىزمەتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شۇلۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان خۇشاللىق پەيتتە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ بىزدىن ھال سوراشقا كەلگەنلىكىدىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندۇق. كەنتكە چۈشكەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن!
 
  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى دۇ لىنفېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق 60 يىلدىن بۇيان ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى قۇرۇپ چىقتى، بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىز ئاسان قولغا كەلمىدى، شۇڭا ھەر مىللەت ئامما بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، تېخىمۇ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باياشات قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
 
  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ چۆچەك شەھىرىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان چۆچەك شەھەرلىك يېڭى شەھەر مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى بېكىش ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بېيجىڭدىكى سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز جاپادىن قورقماي شۇنچە يىراقتىن بىزدىن ھال سوراش ئۈچۈن كەپتۇ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدا شۇنچە كۆپ ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقىغا رەھمەت، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مېھىر، شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز. 
 
  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى تىلغا ئېلىنىشى بىلەن چۆچەك شەھىرىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئىشچى ليۇ جيەنچياڭ ھاياجانىنى باسالماي قالدى: يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان پېنسىيەگە چىققان ئىشچىلارنىڭ پېنسىيە مائاشى يىلدىن-يىلغا ئۆستى، تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىزدەك چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى كۆپچىلىكنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ئامما كۈندىن-كۈنگە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى!
 
  قۇمۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىسكەندەر ئابدۇل مۇنداق دېدى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ قۇمۇلغا ھال سوراشقا كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان قۇمۇلدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مەكتىپىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق مەكتىپىمىز 2006-يىلى ئۈچ مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلگىرىكى سەھىيە مەكتىپى، دېھقانچىلىق مەكتىپى ۋە ئەسلىدىكى تېخنىكا مەكتىپىنى قوشۇپ، ھازىرقى قۇمۇل كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنى قۇردى؛ 2014-يىلى مەكتىپىمىز قۇمۇل تېخنىكا ئىنستىتۇتى قىلىپ قۇرۇلدى، ھازىر مەكتىپىمىزدە 3000غا يېقىن ئوقۇغۇچى بار، مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، قاتتىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، مەكتەپ مۇھىتى قاتارلىقلاردا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.
 
  قۇمۇل شەھىرى زېيۈ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش مەھەللىسىدىكى 81 ياشلىق زېينېلقان مۇنداق دېدى: ياش ۋاقتىمدا دېھقان ئىدىم، ئۇ چاغلاردا يېزىلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، ياشانغاندىن كېيىن شەھەرگە كۆچۈپ كىردىم، دۆلەت ماڭا ياردەم پۇلى بېرىدۇ، كېسەل كۆرسىتىشىمىز قولايلاشتى، كېسەل كۆرسەتكەن پۇلىمىزنى ئاتچوت قىلالايمىز، ھازىر تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن ياخشى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت!
  (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز فېڭ جېڭيۈن، فەن چۈنخەي، كۇ جۈنفېڭ، مىڭ خۈيتيەن، جۇڭ ۋېي، لۈ نا يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا تۇرغان

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2