ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش ئورنىدا ئەمدىلا نىكاھلىنىش كېنىشكىسى ئېلىپ چىققان لى ياڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بىز بۈگۈن توي خەت ئېلىشنى توغرا كۆردۇق، چۈنكى بۇ بىزنىڭ بويتاقلىق بىلەن خوشلاشقانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى››.
11-نويابىر ‹‹قوش 11›› كۈنى ھەم بويتاقلار بايرىمى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن ياشلار بۇ ئالاھىدە كۈندە بويتاقلىق كۈنى بىلەن خوشلاشقان. شۇ كۈنى مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، سايباغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا نىكاھلىنىشقا تىزىملاتقىلى كەلگەنلەرنىڭ خېلى كۆپلىكىنى كۆرگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما گوپىڭ مۇنداق دېدى: ھەريىلى 11-نويابىر نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىدىغانلارنىڭ سانى ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ، بۆلۈمىمىز ھەركۈنى تەخمىنەن 30-40 جۈپ ياشقا توي خېتى تارقىتاتتى، بۈگۈنكىدەك ئالاھىدە كۈندە نىكاھلىنىشقا تىزىملىشقا كەلگەنلەرنىڭ سانى 100 ئەتراپىدا بولىدۇ.
سائەت 18:00 گىچە مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن شەھەردە جەمئىي 353 جۈپ ياش 11-نويابىر كۈنى نىكاھلىنىشقا تىزىملاتقان بولۇپ، سايباغ رايونىدا 95 جۈپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونىدا 84 جۈپ، تەڭرىتاغ رايونىدا 70 جۈپ، بۇلاقتاغ رايونىدا 40 جۈپ، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا 40 جۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا 26 جۈپ ياش تىزىملاتقان.