ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، زىدانى خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە دەز كەتكەن، شۇڭا فىرانسىيەنىڭ بۇ رىۋايەتلىك توپچىسى خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىشنى ئويلاۋېتىپتۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، زىدانى خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ، بىراق كۇلۇب تەرەپ يىغىن ئېچىپ، زىدانىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى ئىكەن، ھەمدە زىدانىنىڭ داۋاملىق ھالدا كاستىللانىڭ تىرېنىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
زىدانى خانلىق مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنونىڭ نەزىرىدە خانلىق مادرىد بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى تىرېنىرى، زىدانىمۇ كاستىللاغا تىرېنىرلىك قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن تەجرىبە توپلىغان. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى، زىدانى يېتەكلەۋاتقان كاستىللا كوماندىسى يېڭى پەسىل باشلانغاندىن بۇيانقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلدى، ئۇ بۇنداق ھالقىلق ۋاقىتتا كەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن، بىراق زىدانى مادرىد يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاچقا، مادرىدتىن ئايرىلىشنى ئويلاۋىتىپتۇ.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خانلىق مادرىد يېقىندا يىغىن ئېچىپ زىدانىغا تەسەللى بەرمەكچى ئىكەن، بىراق فىرانسىيەلىك چولپان زىدانى مادرىدتىن ئايرىلىش تەلىپىدە چىڭ تۇرسا، فىلورىنتىنو ئۇنىڭ ئىز باسارىنى دەرھال تاپمىسا بولمايدىكەن.