
ۋالۇنسىيا كوماندىسى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆز مەيدانىدا تەڭلىشىپ قىممەتلىك بولغان بىر نومۇرنى قولغا كەلتۈردى. ۋالۇنسىيا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى مىنا بارسېلونا كوماندىسىغا بىر توپ ئۇرۇپ نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈرگەندىن كىيىن ۋالۇنسىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى ئۆز كوماندىسىنىڭ توپ ئۇرغانلىقىنى تەبرىكلەۋاتقان ۋاقىتتا بىر ۋالۇنسىيا پۇتبول مەستانىسى بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. مۇسابىقىدىن كىيىن ۋالۇنسىيا ئورگان تورى بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن.
«ماكا گېزىتى» مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى: «ۋالۇنسيا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى مىنا توپ ئۇرغاندا بارلىق مەستانىلەر بۇ خۇشاللىقنى تەبرىكلەۋاتقاندا، 43 ياشلىق بۇ پۇتبول مەستانىسى تۇيۇقسىزلا يەرگە يىقىلىپ بەختكە قارشى ۋاپات بولدى».
«كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» تولۇقلاپ مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى: «بۇ پۇتبول مەستانىسى يۈرەك كېسەللىكى تۈپەيلىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇ بىئاراملىق ھېس قىلىپ مەيدان ئىچىدە داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغان، كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جېددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن».