قۇرۇم تاغلىرىدىن باشلانغان زەرەپشان دەرياسى تەكلىماكان قۇملۇقىدىن كېسىپ ئۆتۈپ شىمالغا ئاقىدۇ. زەرەپشاننىڭ ئىككى قىرغىقىدا كەڭ كەتكەن يايلىق ۋە قويۇق ئىپتىدائىي توغراقلىق ھەمدە بوستانلىقتا كۆپىيىپ راۋاجلانغان دولانلىقلار ۋە دولان مەدەنىيىتى بار. بۈگۈنكى كۈندە "دولان مەدەنىيىتى"، "دولان سەنئىتى"، "دولان ئۇسلۇبى"قاتارلىق سۆزلەر مودا سۆزلەر بولۇپ قالدى.
208-ئۆلكە يولىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئاۋات ناھىيەسىدىكى بوستانلىقنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان دولان قەبىلىسى ئىپتىدائىي توغراقلىقنى ئارقا كۆرۈنۈش، دولان ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئاۋات ناھىيەسى، ھەتتاكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئالتۇن ساياھەتچىلىكىدىكى جۇلالىق مەرۋايىت بولۇپ قالدى.
دولان قەبىلىسى جۇڭگو پاختا ماكانى، جۇڭگو مۇسەللەس يۇرتى، دولان مەدەنىيىتى ۋە دولان دېھقانلار رەسىملىرى يۇرتى بولغان ئاۋات ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىلغار ساياھەت شەھىرى بولغان ئاقسۇ شەھىرىگە 58كېلومېتىر، ناھىيە بازىرىغا 18كېلومېتىر كېلىدۇ، يەر مەيدانى 8000مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىچىدە ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمە سارىيى، مىللىي تەنتەربىيە رايونى، مىڭ يىللىق توغراق رايونى، تۆگىقۇش باقمىچىلىق رايونى، سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش رايونى، جېجياڭ-ئاقسۇ دوستلۇقى قۇم ھەيكەل باش تېما باغچىسى قاتارلىقلاردىن باشقا مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل، ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك، ئوۋچىلىق، توغراق ساياھەت مۇنارى قاتارلىقلار بار.
دولان قەبىلىسىدە دۆلەت،ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىرەسمىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان "دولان مەدەنىيىتى"بار بولۇپ، دولان مۇقامى، دولان مەشرىپى، دولان راۋابى سەنئىتى، مۇسەللەس ئېچىتىش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە دۇنيا جىننىس رېكورتى بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئەلئىچى ناخشا-ئۇسسۇل كوللېكتىپى "دولان ناخشا-ئۇسسۇل كوللېكتىپى"بار. دولانلىقلارنىڭ تارىخىي تەۋەررۈكلىرىنى ۋە دولانلىقلارنىڭ ئەسلى تۇرمۇش مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلىش ئارقىلىق، دولانلىقلارنىڭ قۇرۇلۇش، يېمەك-ئىچمەك، قول-ھۈنەر ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەل نامايان قىلىدۇ.
دولان قەبىلىسى 2014-يىلى دۆلەت AAAAدەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.
مەنبە: خەلق تورى