سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىلومبېرگنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئۇچۇردىن خەۋەردار زاتنىڭ بايانىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو نۆۋەتتە 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلدا تۈركۈمگە بۆلۈپ جەمئىي 1.2 تىرىلىيون يۈەن مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش زايومى تارقىتىشنى پىلانلىغان.
دۆلەتلىك تەرەقىيات بانكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش زايومىنى ئىشلىتىپ مەبلەغ توپلىماقچى بولۇپ، مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش فوندى تەسىر قىلىپ، ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش زايوم سوممىسى 300 مىلىيارد يۈەنگە يېتىدۇ. ئىسلاھات تەرەققىيات كومىتىتى ھازىر ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش زايوم مەبلەغ تۈرىنى دوكىلات قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.