
6. سۇجۇ جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 24 تارىخىي مەدەنىيەتلىك شەھىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە، ۋۇ مەدەنىيىتىنىڭ تارقالغان جايى ھېسابلىنىدۇ. سۇجۇلۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى جىياڭشى-جېجىياڭ مىللەت سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، ۋۇ تىلىنى ئىشلىتىدۇ. سۇجۇ باغۋەنچىلىكى جۇڭگو خۇسۇسىي باغۋەنچىلىكنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. سۇجۇدىكى ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاش 6288 يۈەن.

5. چۇڭچىڭ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھىرى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر، دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى، چاڭجىياڭنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، سىياسىي، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، سەنئەت مەركىزى، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن خەلقئارالىق مەركىزىي شەھەر. ئوتتۇرا غەربىي رايوننىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئۇنىۋېرسال قاتنىشىنىڭ تۈگۈنى. دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ۋە چاڭجىياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ غەربىي رايوندىكى يادرولۇق ئۆسۈش قۇتۇبى. چۇڭچىڭدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش 6707 يۈەن.

4. خاڭجۇ شەھىرى، جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىغا، جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا، چىيەنتاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا، بېيجىڭ_خاڭجۇ چوڭ قانىلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان، جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە پۇل-مۇئامىلە مەركىزى، جۇڭگودىكى يەتتە چوڭ قەدىمىي مەركىزىي شەھەرنىڭ بىرى، جۇڭگودىكى مۇھىم ئېلېكترونلۇق سودا مەركىزىنىڭ بىرى. چۇڭچىڭدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش 6851 يۈەن.

3. شېنجېن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش مەزگىلىدە قۇرۇلغان تۇنجى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنىكى، تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان خەلقئارالىق شەھەر، دۇنيا كۆز تىككەن «شېنجېن سۈرئىتى»نى بارلىققا كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «لايىھەلەش مەركىزى»، «پىئانىنو شەھىرى»، «يېڭىلىق يارىتىش شەھىرى» دېگەن گۈزەل ناملارغا ئىگە. شېنجېندىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش 6935 يۈەن.

2. شاڭخەي جۇڭگونىڭ مۇھىم ئىقتىساد، قاتناش، پەن-تېخنىكا، سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، كۆرگەزمە ۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت مەركىزى، دۇنيادىكى كۆلىمى ۋە يەرمەيدانى ئەڭ چوڭ مەركىزىي رايونلارنىڭ بىرى. 2014-يىلى شاڭخەينىڭ GDP سى جۇڭگو شەھەرلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا، ئاسىيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. شاڭخەي پورتىنىڭ مال سىغدۇرۇش مىقدارى ۋە يۈك ساندۇقى سىغدۇرۇش مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ ياخشى بىر دېڭىز ساھىلىدىكى خەلقئارلىق پورت ھېسابلىنىدۇ. شاڭخەي يەنە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا رايونى «جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى» جايلاشقان ئورۇن. شاڭخەي بىلەن جىياڭسۇ، جېجىياڭ، ئەنخۇيدىن ھاسىل قىلىنغان چاڭجىياڭ ئۈچ بۈرجەك شەھەر توپى دۇنيادىكى ئالتە چوڭ دۇنيا دەرىجىلىك شەھەر توپىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شاڭخەيدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش 7546 يۈەن.

1. بېيجىڭ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، بىۋاستە قاراشلىق شەھىرى، دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر، مەملىكەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى، خەلقئارالىق ئالاقە مەركىزى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بېيجىڭغا جايلاشقان. بېيجىڭدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش 7873 يۈەن.