كېلەر ھەپتە ئۈرۈمچىدە قار يېغىشى مۇمكىن

يېقىندا، ئۈرۈمچىدە شەھىرى تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ھاۋانىڭ ئىللىشى ئاستا بولدى، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃3.3 بولدى، جەنۇبى تاغ ۋە داۋانچىڭ رايونىدا تېمپېراتۇرانىڭ ئۆرلىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغان 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولدى، يېقىنقى مەزگىلدە، تېمپېراتۇرانىڭ نىسبەتەن يۇقىرى، شامال مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشى، ھۆللۈكنىڭ يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن، بۇلغانما ماددىلارنىڭ توپلىشىۋېلىشى ئېغىرراق بولدى، لېكىن، بۇ خىل ۋەزىيەت كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئوڭشىلىشى، قايتىدىن كۆك ئاسماننى كۆرگىلى بولۇشى مۇمكىن.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرھال قار ياغىدىكەن، 3 بالدىن 4 بالغىچە ئۆتكۈنچى غەربى شىمال شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونى بۇلۇتلۇق بولۇپ، 5 بالدىن 6 بالغىچە قىيپاش غەرب شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، قاتناش ۋە ئاممىنىڭ سەپەر ئىشلىرىغا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كېلىدىكەن.
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن.