
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىندا توساتتىن يامانلىشىپ قالغان بولۇپ، تۈركىيە گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ يەنە، تۈركىيە زۇڭلىسى بىنالە يىلدىرىم 3-ئىيۇن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتۈنلەي ناچارلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ مۇنۇلارنى كۆرسىتىشىچە، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتى ئالدىنقى كۈنى 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئەرمېنىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا ئۆز مەيلىچە باھا بېرىشى قىسقا مۇددەت ئىچىدە گېرمانىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. لېكىن ئۇزاقتىن قارىغاندا، بۇمەسىلە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق سالالمايدىكەن.
گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتى 2-ئىيۇن ئەرمېنىيە قارارىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنى گېرمانىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە-ئىتتىپاقداش پارتىيەسى بىلەن ئىجتىمائىي دېموكراتىيە پارتىيەسى ۋە ئۆكتىچى پارتىيە ئورتاق ئوتتۇرىغا قويغان.
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 2-ئىيۇن بېرلىندا ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشكەندە «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ قارارنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ تارىخى مەسىلە توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك دوستانە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2-ئىيۇن چۈشتىن كىيىن گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كەتكەن. تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 2-ئىيۇن كەچقۇرۇن بۇ ئىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: گېرمانىيە قانۇن تۇرغۇزۇش تارماقلىرىنىڭ بۇ قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى تارىخى ۋەقەنى سىياسىيلاشتۇرغانلىق بولۇپ، بۇ تارىخى مەسىلىسىنى ئەركىن مۇنازىرە قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
ئاتالمىش «ئەرمېنىيە چوڭ قىرغىنچىلىقى» بولسا 1915-يىلىدىن 1917-يىلىغىچە بولغان تۈركىيە ئوسمان ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە زور بىر تۈركۈمدىكى ئەرمېنىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ ، ئەرمېنىيەلىكلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئوسمان ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر «چوڭ قىرغىنچىلىق» قىلىش ۋەقەسى بولۇپ، قەستكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن. ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنىنى «چوڭ قىزغىنچىلىق» كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلىدىغان بولۇپ، تۈركىيە بۇ ساننى «بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىك» دەپ قارايدۇ.