15 ياشلىق قىزچاق رەسىم رامكىسى تالاشقانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلاندى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > خەلقئارا >

15 ياشلىق قىزچاق رەسىم رامكىسى تالاشقانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلاندى

مەنبە : news.cn       ئاۋاتلىقى 3956   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 28-02-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 15 ياشلىق قىزچاق رەسىم رامكىسى تالاشقانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلاندى

جۇڭگو خەۋەر تورى 26-فېۋرال خەۋىرى: 10 نەچچە فوتوگراف بۇ Fabeinne Cherisma ئىسىملىك كىچىك قىزچاقنىڭ جەسىتى يېنىدا، توختىماستىن ئاپپاراتلىرىنى شاراقشىتىپ رەسىمگە تارتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاپپاراتلىرىنى ھەرخىل شەكىلدە تەڭشەپ، بۇ كىچىك قىزچاق جەسىتىنىڭ ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىش بۇلۇڭىنى توغرىلاۋاتقان ئىدى. نەرسە تالىشىۋاتقانلار ئۇنىڭ جەسىتى ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ دادىسى كېلىشتىن بۇرۇن، ئالغىلى بولغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ قېچىۋاتاتتى.

2010-يىلى 1-ئايدا يۈز بەرگەن ھايتىدىكى چوڭ يەر تەۋرەش نەچچە ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ جېنىنى ئالغان. لېكىن بۇ كىچىك قىزچاقنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك رەسىمى دۇنيا خەلقىنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق رەسىمى كىشىلەرگە «ھايتى بىر ئۈمىدسىزلىككە تولغان جاي» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان. بۇ رەسىمنى تارتقان ئىككى فوتوگراف مۇشۇ رەسىمى بىلەنلا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

 

بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، فوتوگراف Nathan Weber ئەسلىدىكى ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يەنە بىر پارچە رەسىمنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە بۇ قىزچاقنىڭ جەسىتىنى رەسىمگە تارتىۋاتقان Nathan Weber نىڭ خىزمەتداشلىرى كۆرسىتىلگەن. رەسىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھايتى زور ئاپىتى توغرىسىدىكى ھەرخىل رەسىملەر شىددەت بىلەن يامراشقا باشلىغان، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالغان.

ئەنگلىيە ئاپەتكە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ئوچۇق ئاشكارا خەت يېزىپ بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن تارتىلغان رەسىمنى تەنقىد قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھايتى پۇقرالىرى يەنە تېخى بۇ رەسىمنى تارتقان فوتوگرافلارغا تاش ئېتىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى ئۇلار بۇنى «باشقىلارنىڭ مەخپىيىتىنى سىرتقا ئاشكارىلىغانلىق» دەپ قارايدىكەن. لېكىن فوتوگرافلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق قىلىش باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش بولۇپ ھېسابلانماستىن ئەكسىچە بۇنداق بولغاندا كىشىلەر ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولالايدىكەن. 

ئۇنداقتا ئاپەت جەريانىدا بولسۇن ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن، ھەقىقىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلىش بىلەن ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىش، بۇ ئىككىسىدىن زادى قايسىسى ھەممىدىن مۇھىم؟ بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ئويغا سالىدۇ.

 

 

 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2