ئەر ئايالىنى ئۆلتۈرىۋېتىپ بالىلىرى ئۇخلىغاندىن كېيىن جەسەتنى پارچىلىۋەتتى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > جەمئىيەت >

ئەر ئايالىنى ئۆلتۈرىۋېتىپ بالىلىرى ئۇخلىغاندىن كېيىن جەسەتنى پارچىلىۋەتتى

مەنبە : نۇر تورى       ئاۋاتلىقى 5203   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 07-06-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

4-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن ئاشقاندا، نەنجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ رايونى ج خ شۆبە ئىدارىسى مېييۈەن يېڭى كەنتى ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى بىرەيلەننىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى. ساقچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ 31-ماي جىنايەت گۇماندارى جۇ xx خۇەيئەندىكى ئۆيىدە ئايالىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن نەنجىڭغا قېچىپ كەتكەنلىكى، كېيىن تۇغقانلىرى ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، نەنجىڭگە ئىزدەپ كەلگەندىن كېيىن جۇ xx تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. نەنجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ رايونلۇق ساقچى تەرەپ تۆنۈگۈن مەزكۇر دېلونى ئۇقتۇرۇش قىلدى. زامانىۋىي تېز خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى نەق مەيداننى زىيارەت قىلىپ دېلو يۈز بېرىش جەريانىنى ئىگىلىدى.

 
    بالىلار ئۇخلىغاندىن كېيىن جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىش
 
  شۈەنۋۇ ساقچى تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، جىنايەت گۇماندارى جۇ xx خۇەيئەنلىك بولۇپ، بۇ يىل 43 ياش، ساقچىغا مەلۇم قىلغىنى بولسا ئۇنىڭ باجىسى دەن xx ئىكەن. دەن xx نىڭ ئېيتىشىچە، جۇ xx نىڭ ئۈچ بالىسى بار بولۇپ، چوڭ قىزى بۇ يىل 20 ياشتا بولۇپ، باشقا يەردە ئوقۇيدىكەن. 2-بالىسى بىلەن 3-بالىسى ئىككىلىسى ئوغۇل بولۇپ، بىرسى باشلانغۇچتا، يەنە بىرسى يەسلىدە ئوقۇيدىكەن. 1-ئىيۇندىن باشلاپ، جۇ xx ئەر-ئايال يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، بالىلار قارىغۇچىسىز قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇق-تۇغقانلار جۇ xx ئەر-ئايالنى ئىزدەشكە باشلىغان ھەم شۇ يەرلىك ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغان. 4-ئىيۇن دەن xx خۇەيئەن ساقچى تەرەپ ئارقىلىق جۇ xx نىڭ نەنجىڭدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن. نەنجىڭدا جۇ xx يالغۇز بولۇپ، ئايالى شى xx يوق ئىكەن. جۇ xx نىڭ گەپ سۆزلىرىدىن دەن xx بىر ئىش چىققانلىقىنى سەزگەن. دەن xx نىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن جۇ xx ئايالىنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان ھەم دەن xx تىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا ياردەملىشىشنى ئۆتۈنگەن. كېيىن ساقچىلار جۇ xx نى شۈەنۋۇ ج خ شۆبە ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىگە ئاپىرىپ تەكشۈرگەن. ئېنىقلىنىشىچە، 31-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا، جۇ xx ئايالى شى xx بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئايالىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن. جۇ xx نىڭ ئېيتىشىچە، ئايالىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۇ جەسەتنى ئۆيگە يوشۇرۇپ قويغان، كېچىدە بالىلىرى ئۇخلىغاندىن كېيىن جەسەتنى ئۆيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەخلەتلىكنىڭ يېنىدىكى يول بويىغا ئاپىرىپ پارچىلىغاندىن كېيىن، يىلان تېرىسىدىن ياسالغان خالتىغا قاچىلاپ ئەخلەتلىكنىڭ يېنىدىكى دەريا بويىغا كۆمۈۋەتكەن. ئاندىن ئۇ جەسەتنى پارچىلاشتا ئىشلەتكەن قىڭراق، پالتا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاشخانا ئۆيگە يوشۇرۇپ قويۇپ قېچىپ كەتكەن. جۇ xx نەنجىڭدە تۇرغان بىر قانچە كۈننى دەككە-دۈككىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بالىلىرىنى ئىنتايىن سېغىنغان. نەنجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ ساقچى تەرەپ خۇەيئەن ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، 5-ئىيۇن سەھەر سائەت بىردىن ئاشقاندا، جۇ xx نى خۇەيئەن ساقچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇ xx نىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن ساقچىلار شى xx جەسىتىنى تاپقان.
 

جەسەتنى تاشىلىۋەتكەن ئورۇن ئۆيگە 200 مېتىرمۇ كەلمەيدۇ
 5-ئىيۇن چۈشتە، زامانىۋىي تېز خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى نەق مەيداننى زىيارەت قىلدى، ئىگىلىنىشىچە، جىنايەت گۇماندارى جۇxx خۇەيئەن شەھىرى خۇەيئەن رايونى پىڭچياۋ بازىرىدىكى كونا كەپە ئۆيدە تۇردىكەن. كەنتتىكىلەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن مۇخبىر جەسەتنى تاشلىۋەتكەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەر ئەخلەت بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئەخلەتلىكنىڭ ئىككى تەرىپى كەنىت ئاھالىسى كۆتۈرە ئالغان بېلىق كۆلى ئىكەن. مۇخبىر يەنە جەسەتنى تاشلىۋتكەن نەق مەيدان بىلەن جىنايەت گۇماندارى جۇ xx نىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقىنىڭ 200 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى، ئوتتۇرىنى بىر پارچە بۇغدايلىق ئايرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. 6-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت يەتتىلەردە، جۇ xx نىڭ تونۇپ بېرىشى بىلەن ساقچىلار شى xx نىڭ جەسىتىنى تاپقان.
 
  كەنتتىكىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، جۇ xx نىڭ مىجەزى جىمغۇر بولۇپ، مۇقىم خىزمىتى يوق ئىكەن، ئادەتتە باشقىلار بىلەن ناھايىتى ئاز باردى-كەلدى قىلدىكەن، سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ئىكەن. جۇ xx نىڭ ئايالى شى xx يولدىشىدىن ئىككى ياش كىچىك بولۇپ، توي قىلغىلى 20 يىلدىن ئاشقان، ئۈچ بالىسى بار ئىكەن. زىيارەت داۋامىدا جۇ xx نىڭ ھاممىسى مۇخبىرغا جۇ xx ئەر-ئايالنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئائىلە شارائىتىنىڭمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى، ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ دائىم كىم سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىش مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە سەۋەبىدىن ئۇرۇشۇپ قالىدىغانلىقىنى ۋە مۇشۇ سەۋەپلىك ساقچىغىمۇ مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. كەنت گۇرۇپ باشلىقىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، جۇ xx ئائىلىسىدىكى بەش جان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىكەن. جۇxx ساقچىلارغا ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ دائىم ئۇرۇشۇپ قالىدىغانلىقىنى، ئايالىنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە جۇxx قەستەن قاتىللىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن خۇەيئەن ساقچى تەرەپ ئۇنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان بولۇپ، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2