61 ياشلىق تازىلىق ئىشچىسىنى ماشىنا سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > جەمئىيەت >

61 ياشلىق تازىلىق ئىشچىسىنى ماشىنا سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 5295   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 17-10-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، سەھەر ۋاقتى 6 لەر ئەتراپىدا، جېڭجۇ شەھىرى جوڭيۈەن يولى غەربىي ئۈچىنچى ئايلانما كېسىشىش ئېغىزىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدە بىر ئۈچ چاقلىق ھارۋا ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ھارۋىدىكى خالتىلار ۋە سۈپۈرگە يەرگە چېچىلىپ كەتكەنىدى. ھارۋىنىڭ قېشىدا ئۈستىگە رەخت يېپىلغان بىر موماي ياتقان بولۇپ، نەق مەيداندا بىر بوۋاي توختىماستىن كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى. قازا قىلغۇچى بوۋاينىڭ ئايالى بولۇپ 61 ياشلىق مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى جۇاڭ شيۇيىڭ ئىدى.

 

 

بۇ يىل ئۇلار يۇرتىدىن نەۋرىسىگە قارىغىلى جېڭجۇغا كەلگەن بولۇپ. ئادەتتە ئۆيدە ئىككىيلەن يالغۇز بولغاچقا بىكار تۇرغۇسى كەلمەي مۇھىت ئاسراش ئىشىچىسى بولدى. بىر مۇھىت ئاسراش ئىشچىسىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا كاڭ ئۇستام ئايالىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ شۇنچە كۆز يېشى قىلىپ توۋلىغان بولسىمۇ ئايالى ھوشىغا كەلمىدى.

شۇ كۈنى 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، توكسىكلىت مىنىپ 10 ياشلىق بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىۋاتقان بىر ئايال ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن ئۆتىۋاتقاچ بالىسىغا: «يولدىكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ھارۋا چوڭ ئاپاڭنىڭ ھارۋىسىغا ئوخشايدىكەن» دېدى. بۇ ئىككىيلەن دەل ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ كېلىنى ۋە نەۋرىسى ئىدى. جاڭ ساقچىنىڭ دېيىشىچە، ۋەقە تەخمىنەن 5 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەنلەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچى نەق مەيداندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئاپتوبۇس شوپۇرى ئىكەن.

15-چىسلا چۈشتىن كېيىن قاتناش ساقچىلىرى ئىككىنچى چوڭ ئەترىتى ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارتېخىچە تۈزۈك يىپ ئۇچى تاپالمايۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە، دېلو تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2