سىچۇەندە بىر ئايال ئائىلە ماجراسى سەۋەبلىك ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇۋەتتى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > جەمئىيەت >

سىچۇەندە بىر ئايال ئائىلە ماجراسى سەۋەبلىك ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇۋەتتى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 3850   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 10-01-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

 

      1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىملار ئەتراپىدا، سىچۇەن لۇجۇۋ شەھىرىدىكى داشەنپىڭدىن جىياڭچېڭغا قاراپ كېتىۋاتقان 269-يول ئاپتوبۇسى بەيجاۋپەي ئەتراپىغا كەلگەندە، ئاپتوبۇستىن توساتتىنلا قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، بۇنى كۆرۈپ قاتتىق ھودۇقۇپ كەتكەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن سەكرەپ قېچىپ چۈشۈپ كەتكەن.

 

 

       بەختكە يارىشا، ئاپتوبۇس شوپۇرى دەرھال ئاپتوبۇستىكى ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئاپتوبۇستا يولۇچىلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ لۇجۇۋ شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتىدىن ئەھۋال ئىگەللىشىچە، بۇ ۋەقەدە بىر يولۇچى يارىلانغان.

 

 

 

        شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىگە قارىغاندا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، مەزكۇر ۋەقەدىكى گۇماندار-جاڭ فامىلىلىك (ئايال، 51 ياش، ناشى رايونىدىن) ئائىلە ماجراسى تۈپەيلىدىن ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇۋەتكەن ئىكەن.

 

 

     نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قاتناش ئەسلىگە كەلگەن.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2