ماشىنا توختىتىش ھەققى بىر قېتىمدا 63 يىللىقنى تاپشۇرۇش.
يېقىندا، چىڭداۋدا ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بەرگەن. خوڭخەيجيا گۈللۈكىدىكى كىشىلەر بىر قېتىمدىلا 63 يىللىق ماشىنا توختىتىش ھەققى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلغان. جەمئىي سوممىسى 30 مىڭدىن 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىغىچە بولىدىكەن.
باھاسى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر چىقىشىدىن ئەنسىرگەن.
بۇ رايوننىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ سىرتقا ئىجارىگە بېرىلمەيدىكەن. كىشىلەر بۇ ئورۇننى سېتىۋالسا بولىدىكەن. سېتىۋالغۇچى يەنە ھەر ئايدا 30 يۈەن باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەككەن. ماشىنا ئورنىنى 2079-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
16-چىسلا، بۇ رايونغا ئۇقتۇرۇش چاپلانغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ، ماشىنا ئورنى قىس بولغاچقا، ئالدىن بېجىرگەنلەرگە 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ بېجىرسە بولىدىغانلىقىنى دېگەن.
رايوننىڭ مۇدىرى لى ئەپەندىم تونۇشتۇرۇپ بۇ ئورۇننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بولۇپ، ئىككى خىل ماشىنا توختىتىش مەيدانى بارلىقىنى دېگەن. يەر ئاستىنىڭ باھاسى 10 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئىجارىگە بېرىش ھەققى بىر ئايدا 300 يۈەن ئىكەن. يەر ئۈستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ ھەققى 110 يۈەن بولۇپ، كىشىلەر چوقۇم كۆپ پۇل خەجلەشنى خالمىغاچقا ھەممسى ماشىنىلىرىنى مۇشۇ رايونغا توختىتىدىكەن. شۇڭا بۇ رايوننىڭ يەر ئۈستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىنى سېتىش پىلانى كىشىلەرنىڭ ماشىنىلىرىنى يەر ئاستىغا توختىتىشقا يۈزلەندۈرىدىكەن.
شەندۇڭ خۇاكەي ئادۋوكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى خې دوڭ مۇنداق بىلدۈرگەن، ماشىنا توختىتىش ھەققى 63 يىللىق قىلىپ بېكىتىش مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى ئالدى بىلەن ئۇلار 63 يىل جەريانىدا بۇ مەسئۇل شىركەتنىڭ يەنە مەۋجۇت بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئىجارە ھەققى يىللىق چەك بويىچە بېكىتىلىشى كېرەك. يەنە كېلىپ، يەر ئىجارە بېرىش بەلگىلىمىسى بويىچە يەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئىجارىگە بېرىلىش مۇددىتى 20 يىل بولىدۇ، شۇڭا 63 يىللىق قىلىپ بېرىش بۇ مۇۋاپىق ئەمەس دەپ بىلدۈرگەن.