ئەيدىز توغرىسىدا سىز بىلمەيدىغان 10 ئەمەلىيەت
تۆۋەندە بىر گۇرۇپپا سانلار ئارقىلىق بۇ قورقۇنۇچلىق كېسەلنىڭ يەر شارىدىكى تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشنىپ باقايلى:
1. ھازىر، پۈتۈن يەر شارىدا تەخمىنەن 36 مىليون 900 مىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى(HIV) ئېلىپ يۈرگۈچى بار، ئۇنىڭ ئىچىدە بالىلارنىڭ سانى 2 مىليون 600 مىڭ. بۇ 36 مىليون 900 مىڭ ئادەم، تەخمىنەن كانادانىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانىغا تەڭ.
2. 2014-يىلى يېڭى كۆپەيگەن HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى 2 مىليون ئەتىراپىدا،بۇ سان تەخمىنەن سلوۋېنىيە ئومۇمىي نوپۇس سانى بىلەن تەڭ.
3. بۈگۈنگە قەدەر، تەخمىنەن 34 مىليون ئادەم HIV ۋىرۇسى بىلەن ياكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2014-يىلى ئۆلگەنلەر 1 مىليون 200 مىڭ.
4.ئالدىنقى 15 يىل ئىچىدە، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 2 ھەسسە ئاشقان.
5.ئەيدىز كېسىلى ئافرىقا ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆلۈشىنىڭ بىرىنچى سەۋەبى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن يەر شارىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆلۈشىنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى.
6.سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى ئافرىقا رايونى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ يۇقىرى رايون. ئۇنىڭ ئىچىدە 15ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 70% قىزلار.
7. 2001-يىلى، 1 مىليون ئادەم تەتۈر يۆتكىلىشكە قارشى داۋالاشقا قاتناشقان بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ بېشىدا، بۇ خىل داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ سانى 15 مىليونغا يەتكەن.
8. ئەيدىز كېسەللىكىنى تەكشۈرۈپ بايقاش ئۈسكۈنىسى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدىغانلار پەقەت 51% .
9. 2000-يىلدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئومۇميۈزلۈك كونتىرول قىلىپ كېلۋاتقان بولسىمۇ، 30 مىليون ئادەمنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى ۋە 8 مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن خالىي بولغىلى بولمىغان.
10. كۇبا 2015-يىلى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى تىزگىنلىگەن جاكارلىغان، بۇ تۇنجى بولۇپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى تىزگىنلىگەنلىكىنى جاكارلىغان دۆلەت.
مەنبە: ئەرقال تورى