باش ماقالە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئون يىلدا بىر قېتىم ساقلاش، ئاشۇ ۋاقىتنى يىراق دېسەك، ئۇ ۋاقىت ئاللىقاچان كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار جىددىيلەشكەن ھالدا ئۈرۈمچى ۋاقتى جۈمە كۈنى سەھەر 00:00 دىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم قارارىنى ساقلاۋاتىدۇ، ئون يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ياكى تەۋرەتمەسلىك، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى چوقۇم بىرىنى تاللايدۇ. ئەكىسچە تۈنۈگۈن ياۋرو-ئامېرىكا پاي بازىرى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماي باھاسى چوڭ نىسبەتتە ئۆستى ھەمدە ئېنىرگىيە پاي باھاسىنىمۇ تەۋرەتتى. ئانالىزچىلار بۇ ھەپتە بازارنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىدىغانلىقى ھەمدە كۆرىنەرلىك تەسىر يوقلىقىنى ئەسكەرتتى. زادى بۇقېتىملىق بوران-چاپقۇننىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ، كىم يەنە كىمنىڭ نوھ كېمىسى بولىدۇ؟
چارشەنبە كۈنىدىكى بازار ئەھۋالىدىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم يىغىنىغىچە قايتا نەزەر سالساق، ياۋرو-ئامېرىكا پاي بازىرى ئومۇميۈزلۈك مۇقىم ئۆستى. ئامېرىكا پاي بازىرىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى ئۆسۈشى سەيشەنبە كۈنىگە قارىغاندا ئازراق تارايدى. ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 16.92 نۇقتا ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى %0.86 بولۇپ، 1995.01 نۇقتىدا بازار يېپىلدى. دوۋجىنىس كۆرسەتكۈچى 135.92 نۇقتا ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى %0.82 بولۇپ، 16735.77 نۇقتىدا بازار يېپىلدى. ناسداك كۆرسەتكۈچى 28.32 نۇقتا ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى %0.58 بولۇپ، 4888.84 نۇقتىدا بازار يېپىلدى. كىرزىس كۆرسەتكۈچى دەپ نامى بار بولغان CBOE تەۋرىنىشچانلىق كۆرسەتكۈچى VIX نىڭ چۈشۈش نىسبىتى %5 بولۇپ، داۋاملىق 20 لىك ئۇزۇن مەزگىللىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەگە قاراپ چۈشتى. ياۋروپا پېيىنىڭ ئۆسۈشى سەيشەنبە كۈنىدىكىدىن چوڭايدى. ياۋروپا پان ياۋروپا ئۈنۈمى ياخشى پاي 300 كۆرسەتكۈچى %1.57 ئۆسۈپ، 1427.55 نۇقتىدا بازار يېپىلدى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پىۋە زاۋۇتى ABInbev ئىككىنچى چوڭ پىۋا ياساش شىركىتى SABMiller گە سېتىۋېلىش مەقسىتىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، SABMiller نىڭ پاي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى %20 تىن ئېشىپ، ئالتە ئاي يېڭى يۇقىرى نۇقتا يارىتىپ، ياۋروپا پېيىنى يىتەكلەپ ئالدىدا ماڭدى. A پاي ئالدىنقى ئىككى كۈندە ئۇدا چۈشكەندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى كۈچلۈك قاڭقىدى. شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %4.89 نۇقتا ئۆسۈپ، ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تاق كۈنلۈك ئۆسۈشنى ياراتتى. شېنجېن پاي كۆرسەتكۈچى %6.45 ئۆسۈپ، تارىختىكى ئەڭ چوڭ تاق كۈنلۈك ئۆسۈشنى ياراتتى.
A پاي بازىرىنىڭ قاڭقىشى ئاسىيا پاي بازىرىغا قارىتا مەلۇم تىرەك تەمىنلىدى. چارشەنبە كۈنى شىياڭگاڭ پاي كۆرسەتكۈچى %2.4 ئۆستى، ياپونىيە پاي كۆرسەتكۈچى %0.8 ئۆستى. FOMC يىغىنىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا پېيى ئاستا-ئاستا ئۆستى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماي باھاسى چوڭ نىسبەتتە ئۆستى ھەمدە ئېنىرگىيە پاي باھاسىنى تەۋرەتتى. چارشەنبە كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتىدىكى API خام نېفىت ئىسكىلاتىنىڭ تاسادىپىي ھالدا 3.10 مىلىيون باك كېمەيدى، ئامېرىكا ئېنىرگىيە مەھكىمىسى EIA ئالدىنقى ھەپتە خام نېفىت ئىسكىلاتى 2.10 مىلىيون باك كېمەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. گەرچە ئىككى سانلىق مەلۇماتتا پەرق بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمەن نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا خام نېفىت ئىسكىلاتى تۆۋەنلەشكە باشلىغان. سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ماي باھاسى ئۆستى. چارشەنبە كۈنى، يىنىك نېفىتWTI نىڭ 10-ئايلىق خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى %5.74 ئۆسۈپ، 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى بازار يېپىلىش نۇقتىسىنى ياراتتى، برىنىت خام نېفىتى قەرەللىك مال باھاسى %4.19 ئۆسۈپ، 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى بازار يېپىلىش نۇقتىسىنى ياراتتى.12-ئايلىق مىس قەرەللىك مال باھاسى %1.2 ئۆستى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم قارارى كۈنى يېقىنلاشتى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يەنىلا مۆلچەردىكىدەكلا ئاجىز، شۇنداق بولسىمۇ ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن نىشانغا ئۇيغۇن. سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىستىمال كۆرسەتكۈچى CPI ھالقىما نىسبىتى %0.1 تۆۋەنلەپ، بۇ يىل 1-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەنفىي قىممەت كۆرۈلدى؛ ئوخشاش مەزگىللىك سېلىشتۇرما نىسبەت %0.2 ئېشىپ مۆلچەردىكىگە ئۇيغۇنلاشتى. گەرچە ئاللىقاچان ماي باھاسىنىڭ چوڭ نىسبەتتە چۈشۈشى ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرنى تاللاپ چىقىرۋەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ 7-ئايلىق يادرولۇق PCE مال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىللىك سېلىشتۇرما نىسبىتى %1.2 ئۆسۈپ، مۆلچەردىكىگە يەتمىدى، ھەم ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ %2 لىك نىشانىدىن چوڭ نىسبەتتە تۆۋەن بولدى.