cnbeta تورى خەۋىرى:
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇاشو (asus) شىركىتى بازارغا سېلىشنى پىلانلاۋاتقان يەنە بىر Zenfone يانفونى ئۇزۇنغا قالماي ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇ قېتىم خۇاشو Zenfone Max نامىدا ئېلان قىلىنىدىغان بۇ يېڭى يانفونىنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ باتارىيەسىگە بەكرەك كۈچ سەرپ قىلىدىكەن، يەنى ئۇنىڭغا 5000 مىللىئامپىرلىق چوڭ سىغىملىق باتارىيە سەپلەپ، توك ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئاشۇرىدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، 5000 مىللىئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەندىن كىيىن، تېلېفوندا سۆزلىشىش ۋاقتى 37.6 سائەتكە، توك ساقلىنىش ۋاقتى 38 كۈنگە يېتەلەيدىكەن. خۇاشو يەنە Zenfone Max نىڭ سىمسىز تور شارائىتىدا 32.5 سائەت تورغا چىقىش ياكى 22.6 سائەت سۈرەتلىك فىلىم كۆرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە كەلسەك، Zenfone Max يانفونىغا كۇۋالكوم 410 تىپلىق تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، بەش مىليون ۋە 13 مىليون پىكسېللىق كامېرا قاتارلىقلار سەپلىنىدىكەن. 4G LTE تورىنى قوللايدىغان بولۇپ، قوش كارتىنى قوللاش-قوللىماسلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان. ئېكرانىغا كەلسەك، ئۇنىڭغا 5.5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى 720p گە يېتىدىكەن، ئۈستىگە بىر قەۋەت 4-ئەۋلاد گورىللا قاتتىق ئەينىكى سەپلەنگەن.
ئۇندىن باشقا، بۇ يانفونغا ئاندىرويىد Android 5.1 Lollipop ئاساسىدىكى ZenUI ناملىق سىستېما قاچىلانغان، ئاندىرويىد 6.0 گە يېڭىلىنىش ۋاقتى ئېنىق ئەمەس.