رونالدو ئۆزىنى مەسخىرە قىلغان مەستانىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > تەنتەربىيە >

رونالدو ئۆزىنى مەسخىرە قىلغان مەستانىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 2056   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 12-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

 

سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: پورتۇگالىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدو توپ مەستانلىرىنىڭ ئۆزىگە قارىتىپ «مېسسى...مېسسى...مېسسى» دەپ توۋلاشلىرىغا ئادەتلىنىپ كەتتى. ھازىر كىرىستىئانو رونالدو ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش جەھەتتىكى ئامالنى تېپىپ چىقتى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى پورتۇگالىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئالبانىيە پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە ئوينىلىشتىن بۇرۇن، توپچىلار مەيداندا بەدەن قىززىتىۋاتقاندا، نەق مەيداندىكى ئالبانىيە توپ مەستانىلىرى كىرىستىئانو رونالدوغا قاراپ «مېسسى...مېسسى» دەپ ۋارقىراشنى باشلىغان. ھەيران قالارلىق يېرى، بۇ قېتىم كىرىستىئانو رونالدو ئىلگىرىكىدەك تېرىكىپمۇ كەتمىگەن، بەلكى ئوڭ قولىنى قۇلىقىغا يېقىن ئەكىلىپ «تېخىمۇ بەكرەك توۋلاڭلار» دېگەن ئىشارىنى قىلغان. (تۆۋەندىكى فىلىمىنى كۆرۈڭ) خىيالىغا كەلمىگەن ھالەتتە يەنە ئۆزىنىڭ مەشقىنى داۋاملاشتۇرغان.

 

 

 

 كىرىستىئانو رونالدوغا قارىتىپ «مېسسى» دەپ توۋلايدىغان ئىشلار ئادەتتە پۇتبول مەيدانىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، سېپروس پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭغا قارىتىپ «مېسسى» دەپ ۋارقىراپ قەستەن تېرىكتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، شۇ چاغدا كىرىستىئانو رونالدو مۇنداق دېگەن: «كۆپلىگەن كىشىلەر ماڭا نەپرەتلىنىدۇ، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر مېنى قوللايدۇ، ئۇلارنىڭ ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىشىدىن تېرىكىپ كەتمەيمەن، بەلكى خوشال بولىمەن، ئۇلار شۇنداق قىلغانسېرى مەن تېخىمۇ كۈچكە تولىمەن، بۇ مېنى تېخىمۇ قوزغىتىدۇ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن، ئەمىلىيەتتە، مەن ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە توپ تېپىۋاتقان چاغدىلا توپ مەستانىلىرىنىڭ ھەر خىل مۇئامىلىسىگە ئادەتلىنىپ كەتكەن، 2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە، پورتۇگالىيە پۇتبول كوماندىسى ئېنگىلاند كوماندىسىنى شاللىۋەتكەندىن كېيىن مەن توپ مەستانىلىرىنىڭ رەقىبىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدىم» دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى باھاسى ئەڭ يۇقۇرى توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىرىستىئانو رونالدونىڭ بېسىمى ھەققەتەن ئاز ئەمەس، بولۇپمۇ مېسسىدەك بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى توپچى بار ئەھۋال ئاستىدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 

 

 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2