مىكروسوفت Lumia 550 نىڭ تەشۋىقات ئېلانى ۋە باھاسىنى ئاشكارىلىدى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > پەن- تىخنىكا >

مىكروسوفت Lumia 550 نىڭ تەشۋىقات ئېلانى ۋە باھاسىنى ئاشكارىلىدى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 2153   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 17-10-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى:

6-ئۆكتەبر ئېچىلغان يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مىكروسوفت شىركىتى Lumia950  ۋە Lumia950 XL يانفونلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا ئانچە كۆپ ۋاقىت ئاجراتمىدى، Lumia550 گە بولسا تېخىمۇ شۇنداق. ئەمدىلىكتە مىكروسوفت تۆۋەن ئىستېمال بازىرىغا قارىتا ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ Win10 Mobile يانفونىنىڭ يېڭى تەشۋىقات ئېلانىنى تارقاتقان، باش تېمىسى «Get to what matters faster» بولۇپ، مەزمۇنى يەنىلا Win10 Mobile سىستېمىسىنى يوروتۇپ بەرگەن.

Win10 Mobile سىستېمىسى ئابونتلارغا كومپيۇتېر، پەد ۋە يانفوندا ئوخشاش ئىشلىتىش تەسىراتى بېرىشنى مەقسەت قىلغان، ئۇنىڭغا OneDrive、Office Mobile قاتارلىق خىزمەت ۋە ئۈگىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قوراللار سەپلەنگەن، مىكروسوفتنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئاۋازلىق ياردەمچىسى Cortana ۋە Map خەرىتىسى قاتارلىقلارمۇ قوشۇلغان، 4G LTE تورىنى قوللاش ئىقتىدارى بۇ ئۈسكۈنىنى تېخىمۇ راۋان قىلغان.

ئۇنداقتا، تۆۋەن ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن Lumia550 نىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى زادى قانداق؟

• ئاساس چاستوتىسى 1.1GHz گە يېتىدىغان كۇۋالكوم 210 ئۆزەكچىسى؛

• 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ؛ 8GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، 200GB لىق microSD كارتىسىنى قوللاش ئىقتىدارى؛

• ئېنىقلىق دەرىجىسى 720P بولغان 4.7 دىيۇملۇق سېزىمچان ئېكران؛

• بەش مىليون پىكسېللىق ئاساس كامېرا ۋە ئىككى مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا؛

• LTE、Wi-Fi、كۆك چىش 4.0、microUSB 2.0  ۋە GPS/AGPS  ئىقتىدارلىرى؛

• 2100 مىللىئامپىرلىق باتارىيە، تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش ئىقتىدارى (توكى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 14 سائەت تېلېفوندا سۆزلىشىشكە يېتىدۇ، ئۇيقۇ ھالىتىدە 28 كۈن ساقلىنىدۇ) ؛

• جۇڭگو ۋە ھىندىستان بازىرىدا سېتىلىدىغان نۇسخىسى يەنە قوش كارتىنى قوللايدۇ؛

باھاسىغا كەلسەك، Lumia550 يانفونى 12-ئايدا رەسمىي بازارغا كىرىدىغان بولۇپ، 139 دوللاردىن سېتىلىدۇ، يەنى خەلق پۇلىغا ئاران 880 يۈەن.

تۆۋەندىكىسى Lumia550 يانفونىنىڭ تەشۋىقات ئېلانى:

 

 

 

 

 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2