جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا رامىزانلىق بەخت تىلىدى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > مەملىكەت >

جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا رامىزانلىق بەخت تىلىدى

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى       ئاۋاتلىقى 2299   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 06-06-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

     جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا رامىزانلىق بەخت تىلىدى

    بۇ يىلقى رامىزان ئېيى باشلىنىش ھارپىسىدا، يەنى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلىدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلەشتى.
    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەتە رامىزان ئېيى باشلىنىدۇ، رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۈچۈن قۇتلۇق ئاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە سىلەرگە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا، جۈملىدىن سىرتتىكى شىنجاڭلىق مۇسۇلمانلارغا ئەڭ گۈزەل تىلەك تىلەيمەن ــــ رامىزان ئېيىڭلار قۇتلۇق بولسۇن.
    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: رامىزان ئېيى ئىناقلىققا تولغان، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، تەلەپچان بولۇپ خەيرىخاھلىق قىلىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان ئاي، كىشىلەرنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، ياخشى ئەمەللەرنى قەدىرلەشكە ئۈندەيدىغان ئاي. سىلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە باشقىلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئېسىڭلاردا چىڭ ساقلاپ، دوستلۇق مېھرىڭلار بىلەن ئاجىز-مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىشىڭلارنى، ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، ئوتتۇرا يولدا مېڭىش، كەڭ قورساق بولۇشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئائىلە، قولۇم-قوشنا ۋە جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناقلىققا چۆمدۈرۈپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
    جاڭ چۈنشيەن دىنى زاتلاردىن يەنە تىرىشىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، توغرا يولدا مېڭىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.
    شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتى 30 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئىسلام دىنى ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدۇ.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2