
زىياپەت دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ مۇھىم بىر ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇسۇلى. بىراق بەزى زىياپەتلەردە «تاماق» مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈپ قالىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان كۆپ ساندىكى پارتىيەلىك كادىر زىياپەتلەردىكى «پۇل ــ ھوقۇق، سودا قىلتىقى» غا چۈشۈپ كېتىپ، ئاخىرىدا بىلىپ-بىلمەي چىرىكلىشىش پاتقىقىغا پېتىپ كېتىۋاتىدۇ. موللاق ئاتقان ئەمەلدارلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىغا قارايدىغان بولساق، ئادەتتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش كادىرلارغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىدىن باشلىنىۋاتىدۇ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك زىياپەتتىن باشلىنىۋاتىدۇ.
زىياپەتكە ئامراق ئەمەلدارلار ئاسان موللاق ئاتىدۇ
شەنشىنىڭ شىئەن شەھىرى شەھەر مەمۇرىيىتى گۇرۇھىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى (باشقارما دەرىجىلىك) لى شىنخۇا تۈرلۈك زىياپەتكە بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، شىئەندىكى مەلۇم قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شىركىتى شۇ شەھەرنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنى كېرەكلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. 2003-يىلى ئۇ شىركەتنىڭ خوجايىنى جاۋ xx بىر قېتىملىق زىياپەتتە لى شىنخۇا بىلەن تونۇشۇپ قالغاندىن كېيىن ھەر يىلى چاغاندا لى شىنخۇانى يوقلاپ تۇرغان. 2007-يىلى ئاۋغۇستتا جاۋ xx ئومۇمىي سوممىسى 18 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان قۇرۇلۇش ماتېرىيال پۇلىنى نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن لى شىنخۇانىڭ ئۆز يۇرتىدا ئۆي سېلىۋاتقانلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا 50 مىڭ يۈەن نەق پۇل «سوۋغا» قىلغان. 2009-يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا مالىنىڭ پۇلى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكتىن، جاۋ xx چاغانلىق پەتىلەش باھانىسى بىلەن لى شىنخۇانىڭ ئۆيىگە بېرىپ يەنە 50 مىڭ يۈەن «سوۋغا» قىلغان. لى شىنخۇا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 مىڭ يۈەننى ئالغاندىن كېيىن، ئۇزاققا بارماي جاۋ xx نىڭ شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى پۇلىنى نەقلەشتۈرۈپ بەرگەن.
شەنشىدىكى مەلۇم بىر توپا قۇرۇلۇشى شىركىتى 2007-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە شەھەر مەمۇرىيىتى 2-شىركىتىنىڭ توپا يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىشنى باشلىغان بولسىمۇ، قۇرۇلۇش پۇلى خېلى ۋاقىتقىچە ئەمەلىيلەشمىگەن. 2007-يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا ئۇ شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى لۇ xx لى شىنخۇانى ساماۋەر شورپىسى ئىچىشكە تەكلىپ قىلىپ، داستىخان ئۈستىدىلا ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەن بەرگەن. لى شىنخۇا پۇلنى ئالغاندىن كېيىن لۇ xx نىڭ شىركىتىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈك بۆلۈپ، ئۇ شىركەتنىڭ پۇلىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈپ بەرگەن. لى شىنخۇانىڭ قىلمىشى پاش بولغاندىن كېيىن شىئەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2011-يىلى 3-نويابىر 2-سوت ئېچىپ ئۇنىڭغا مۇددەتلىك سەككىز يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى نەپسى ۋەيران قىلدى
ئىگىلىنىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ يىل 21-ئاپرېل سوت مەھكىمىسى كادىرلىرىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىشىغا چېتىشلىق ئالتە تىپىك دېلونى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لەنتيەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى خۇ گاڭنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ــ ئىچىش ۋە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش دېلوسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلىنىڭ بېشىدا خۇ گاڭ ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ھاراق-تاماكا سېتىۋېلىش، مېھمان كۈتۈشكە ئىشلەتكەن ۋە ئۇ پۇلدىن 4950 يۈەنگە ئۆزىگە يان تېلېفون سېتىۋالغان. كېيىن ئۇ ئادەم ئىزدەپ ساختا تالون كەستۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يۇقىرىقى چىقىمنى مالىيەگە ئاتچوت قىلدۇرغان. شۇ يىلى مارتتا خۇ گاڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغىلى كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ خادىملىرى ۋە سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار بولۇپ 40 نەچچە ئادەمنى شاڭجۇ رايونىدىكى فېڭۋىن سەھرا ئارامگاھىغا تاماق يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىدىن 1460 يۈەن چىقىرىپ تاماق پۇلىنى تۆلىگەن. تاماقتىن كېين مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى «ۋاڭشۈنشەن» باغچىسىنى ھەقسىز سەيلە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. شۇ يىلى ئىيۇلدا ئۇ يەنە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شىئەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دەۋا سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى شى xx قاتارلىق يەتتە ئادەمنى لەنتيەن تاڭيۈ كۆلىنى سەيلە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىدىن 2600 يۈەن چىقىم قىلغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن خۇ گاڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن ۋە سوت ھەمكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسىلىق، باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
سابىق سوتچىنىڭ «سودىسى» بېشىغا چىقتى
ئامما قانۇننىڭ باراۋەر ۋە ئادىل يۈرگۈزۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما بىر قىسىم «قولىدىن ئىش كېلىدىغان» ئادەملەر «دەۋا دەللالى» بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىشنى بۇزۇش بىلەن بىللە، ئارىدىن ھارام پايدا ئالىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ليۇ يۇڭ بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
ليۇ يۇڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولغاچقا، دائىم دېگۈدەك ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا نۇرغۇن داۋالاشقۇچى كېلىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ «سودىسى» مۇنتىزىم ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭكىدىن قېلىشمايتتى. 2007-يىلى بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى لى xx ليۇ يۇڭ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن دائىم دېگۈدەك ئۇنى تاماققا ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا تەكلىپ قىلغان، ليۇ يۇڭمۇ ناھايىتى تېزلا لى xx نى «قەدىناس ئاغىنەم» دەپ بىلىپ ئۇنىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بولۇپ تۇرغان. ئارىلىقتا لى xx ئىقتىسادىي دەۋا ئىشىغا يولۇقۇپ قالغاچقا ليۇ يۇڭدىن ياردەم سورىغان، ليۇ يۇڭ نەق مەيداندىلا بۇ ئىش ئۈچۈن لى xx تىن 550 مىڭ يۈەن پۇل سورىغان، لى xx مۇ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ ليۇ يۇڭغا 400 مىڭ يۈەن بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ليۇ يۇڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ لى xx نىڭ دېلوسى ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قاتىراپ مۇناسىۋەتلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە لى xx نىڭ ئىشىنى تاپىلاپ قويغان. ليۇ يۇڭنىڭ يۇقىرىقىدەك ناپاك قىلمىشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئېنىقلىنىشىچە، ئۇ پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇنقى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق دېلوغا ئارىلىشىپ، ئارىدىن 3 مىليون 145 مىڭ يۈەن پارا ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى