شەھىرىمىزدە بېنزىننىڭ باھاسى سەل ئۆرلىدى
مۇخبىرىمىز لى نىڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: بېنزىن، دىزېل مېيىنىڭ باھاسى ئۇدا ئالتە قېتىم تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، 17- سېنتەبىر تۇنجى قېتىم سەل ئۆرلىدى. ئىگىلىنىشىچە، شەھىرىمىزدە 93- نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.07 يۈەن ئۆرلەپ، ھەر لىتىر بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 5.53 يۈەن بولغان. دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى 17- سېنتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 0:00 دىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دىزېل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسىنى 90 يۈەن ئۆرلىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، 90- نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.09 يۈەن، 0- نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ 0.1 يۈەن ئۆرلىگەن. شەھىرىمىزدىكى 97- نومۇرلۇق بىنزېننىڭ ھەر لىتىرى 5.95 يۈەنگە تەڭشىلىپ، 0.08 يۈەن ئۆرلىگەن؛ 0-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 5.14 يۈەنگە تەڭشەلگەن بولۇپ، 0.07 يۈەن ئۆرلىگەن.
ئەسلى مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى