مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 4-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ھال سورىدى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > شىنجاڭ >

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 4-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ھال سورىدى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى       ئاۋاتلىقى 1717   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 28-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چىڭلى باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 4-تارماق ئۆمىكى 27-سېنتەبىر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى ئوتبۇلاق كەنتىدە كەنت ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە مەيدانى، «قوش تىل» يەسلىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇن ئېزىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلىدى ۋە ھال سورىدى، ئارقىدىن تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى دەم ئېلىشقا چىققان «مېھرىبان ئانا» مەريەم تۇردىۋانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ھال سورىدى.

 
  تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىدا، چۆچەك شەھىرى ئىشانسەيد مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى قۇناپىيە قابىدۇللا: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېھتىياجىنى قوغداشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، تۈرلۈك دىنلارنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، ھېچقانداق توسقۇنلۇق ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانلىقى ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلدى، دېدى. قۇناپىيە قابىدۇللا خەنزۇچىنى ئانچە راۋان سۆزلىيەلمىسىمۇ، ئۇنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلىرىنى يىغىن مەيدانىدىكىلەر قىزغىن ئالقىشلىدى.
 
  جاڭ چىڭلى كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت، مەدەنىيەت قوشۇلغان جاي، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مىللەتلەر، دىن خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، پىكىرلىشىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىنداشلاردەك ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش كېرەك.
 
  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئابىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشتى، ئەركىنجان تۇراخۇن تارباغاتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا تۇرغان

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2