بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەندىكى بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى MIC نىڭ كۆرسىتىشىچە، 2016-يىلى پۈتۈن يەر شارىدىكى خاتىرە كومپىيۇتېرلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى %4.3 تۆۋەنلەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىنىشىچە، Windows 10 نىڭ ئېلان قىلىنىشى كۈزۈتۈپ بېقىش تەسىرى پەيدا قىلىپ، خاتىرە كومپىيۇتېرلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا تەسىر كۆرسەتكەن. Windows 10 نىڭ ھەقسىز دەرىجە ئۆستۈرۈشى يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش خىيالى بار ياش ئوبونتلارنى كونا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سېستىمىسىنى يېڭىلاپ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېڭى ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش خىيالىدىن ۋاز كەچكەن. ئۇلار پۇل چىقىرىپ ئۈستەل كومپىيۇتېرى ياكى تاختا كومپىيۇتېر سېتىۋېلىشنى تاللىغان، نەتىجىدە نۇرغۇن خاتىرە كومپىيۇتېر ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولماي زىيان كېلىپ چىققان.
MIC نىڭ دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلللىق خاتىرە كومپىيۇتېرلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 161 مىليون دانىگە يىتىپ، ئۆتكەن يىلىدىكىدىن %6.2 تۆۋەنلەپ، ئۆتكەن بەش يىل مابەينىدىكى مال چىقىرىش مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بىر يىل بولۇپ قالغان. CTimes نىڭ MIC نىڭ دوكىلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىنتېل شىركىتى ئۈستەل كومپىيۇتېرىغا Skylake تىپلىق كىچىك قۇرۇلمىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەتكەنلىكتىن، كېلەر يىلى ئۈستەل كومپىيۇتېرلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇ يىلقىدىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. MIC نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۈستەل كومپىيۇتېرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 121 مىليون دانىگە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.