iOS 9 نىڭ قاچىلىنىش نىسبىتى 24 سائەت ئىچىدە %12.5 گە يەتتى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > پەن- تىخنىكا >

iOS 9 نىڭ قاچىلىنىش نىسبىتى 24 سائەت ئىچىدە %12.5 گە يەتتى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 1114   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 18-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 ۋاڭيى تورى خەۋىرى:

AppleInsider تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى iOS 9 رەسمىي ھالدا تارقىتىلغاندىن كىيىنكى 24 سائەت ئىچىدە، قاچىلىنىش نىسبىتى ئاللىقاچان %12.5 گە يەتكەن، بۇ بۇلتۇرقى iOS 8 نىڭ ئىپادىسىدىن ياخشى بولغان. بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، iOS 9 سىستېمىسى تارقىتىلىشتىن بۇرۇن، iOS 8 نىڭ قاچىلىنىش نىسبىتى %87 گە يەتكەن.

سانلىق مەلۇماتلارنى ئىز قوغلاپ ئانالىز قىلىش ئورگىنى Mixpanel ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، iOS 9 نىڭ قاچىلىنىش نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئاساسلىقى iOS 8 ئابونتلىرىنىڭ سىستېما يېڭىلىشى تۈرتكە بولغان.

تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن سائەت 4:00 كە قەدەر، iOS 9 نىڭ قاچىلىنىش نىسبىتى ئاللىقاچان %15 گە يەتكەن، iOS 8 نىڭ قاچىلىنىش نىسبىتى بولسا %78 گە چۈشۈپ قالغان، قالغان %7 ىنى كونا نەشىردىكى سىستېمىسى ئىگەللەيدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، iOS 9 نىڭ قاچىلىنىش نىسبىتى iOS 8 نىڭ بۇلتۇرقى ئىپادىسىدىن ياخشى بولغان، iOS 7 دىن سەل تۆۋەنرەك بولغان. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئەجەبلەنگۈدەك يېرىمۇ يوق، چۈنكى، iOS 7 سىستېمىسى 2013-يىلى ئېلان قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىكى UI ئۇسلۇبىدا زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئابونتلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان.

ئالما شىركىتى شۇ جاي ۋاقىت بويىچە چارشەنبە كۈنى iOS 9 سىستېمىسىنى رەسمىي ئېچىۋەتكەن، ئىلگىرى تونۇشتۇرۇلغاندەك، iOS 9 نىڭ نۇرغۇن تەرەپلەردىكى ئىقتىدارىدا زور ئىلگىرىلەش بولغان، مەسىلەن، Siri تېخىمۇ ئەقىللىق بولغان، 3-تەرەپ Spotlight ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغان، Apple Pay ۋە TouchID قاتارلىقلارنىڭ يۇمشاق دېتال نەشىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، بۇندىن سىرىت، يانفوننىڭ توك سەرپىيات ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزارتىلغان.

iOS 9 سىستېمىسىدا يەنە مەخسۇس iPad گە قارىتىلغان بىر يارقىن نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ QuickType كۇنۇپكا تاختىسى ۋە ئېكران ئايرىش ئىقتىدارى. بۇنىڭ ئىچىدە، QuickType كۇنۇپكا تاختىسىغا نۇسخىلاش، كېسىش ۋە چاپلاش قوراللىرى قوشۇلغان؛ ئېكران ئايرىش ئىقتىدارىمۇ ئابونتلارغا زور قولايلىق ئېلىپ كىلەلەيدىكەن.

بۇندىن ئىلگىرىكى نەچچە ئەۋلاد سىستېمىسىغا قارىغاندا، iOS 9 نى ئالما ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قاتتىق دېتال جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدىكەن. 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2