ئاپتونوم رايونىمىز 1–پەسىلدە 33 مىليارد 344 مىليون يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلدى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > شىنجاڭ >

ئاپتونوم رايونىمىز 1–پەسىلدە 33 مىليارد 344 مىليون يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلدى

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى       ئاۋاتلىقى 3974   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 19-04-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1 – پەسىلدە رايون سىرتىدىن جەلپ قىلغان نەقلەشكەن مەبلىغى 33 مىليارد 344 مىليون يۈەنگە، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلغان رايون سىرتىدىن جەلپ قىلغان تۈرى 938 گە يەتتى. تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، تاپشۇرىدىغان بېجى 8 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خېرىدار چاقىرىش، تەرەققىيات ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1 – پەسىلدە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلىغى ئىچىدە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن نەقلەشكەن مەبلەغ 26 مىليارد 574 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.93 ئاشقان؛ مەركەز (مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كارخانىلىرىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 5 مىليارد 783 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.75 ئازلىغان؛ ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل مەبلىغى 151 مىليون 550 مىڭ دوللار ( 987 مىليون يۈەن)گە يېتىپ رايون سىرتىدىن نەقلەشكەن مەبلەغنىڭ %2.96 ىنى ئىگىلىگەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلغان رايون سىرتىدىن جەلپ قىلغان تۈرى 938 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن ئىجرا قىلغان تۈر 344 كە، ئىلگىرىكى يىللاردىن ھېسابات يۆتكىگەن تۈر 594 كە يەتكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خېرىدار چاقىرىش، تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىجات ئىسمائىل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون 1 – پەسىلدە خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كەسىپلەرنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، نېفىتتىن باشقا سانائەتكە مەبلەغ سېلىش گەۋدىلىك بولۇپ، توقۇمىچىلىق كەسپىدە نەقلەشكەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.35 ھەسسە ئاشتى، ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر كەسپى بويىچە نەقلەشكەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.64 ئاشتى، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، يېنىك سانائەت كەسىپلىرى بويىچە نەقلەشكەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.26 ۋە %24.64 ئېشىپ، ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، پۇل مۇئامىلە، ۋاسىتىچى، ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىكى بويىچە نەقلەشكەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.15 ھەسسە ئاشتى، سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت – ساياھەت قاتارلىقلاردا ياخشى ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.
بۇنىڭدىن سىرت، 1 – پەسىلدە ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى سىجىل ئېشىپ، نەقلەشكەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.54 ئاشتى. مەبلەغ سېلىشنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئەلئارا مەبلەغ سېلىش بويىچە نەقلەشكەن مەبلەغ يەنە رايون سىرتىدىن نەقلەشكەن مەبلەغنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ، مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچى داۋاملىق ئاشتى.
نىجات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى نورمال ھالىتىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خېرىدار چاقىرىش سىستېمىسىدىكىلەر نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ دەل جايىدا خېرىدار چاقىرىش، كەسىپلەر زەنجىرى بويىچە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چاقىرىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسى ۋە تەدبىرىنى قوللاپ، پائال كۈچ چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە نەقلەشكەن مەبلىغىنىڭ سىجىل ئېشىشى، قۇرۇلمىسىنىڭ سەرخىللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
نىجات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: كىيىنكى قەدەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خېرىدار چاقىرىش سىستېمىسىدىكىلەر خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە نەقلىشىدىغان مەبلەغنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تۈر ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان مەبلەغنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2