كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قۇياش ئەۋلادلىرى» توردا ئىككى ھەپتىدە 300 مىليون قېتىم قويۇلدى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > سەنئەت >

كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قۇياش ئەۋلادلىرى» توردا ئىككى ھەپتىدە 300 مىليون قېتىم قويۇلدى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 2488   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 16-03-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قۇياش ئەۋلادلىرى» توردا ئىككى ھەپتىدە 300 مىليون قېتىم قويۇلدى

«يۇلتۇزدىن كەلگەن سۆيگۈنۈم» دىن كېيىن ئىسمى يۇلتۇز، پلانېتالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى شەرقىي ئاسيادا قىزىق تىمىغا ئايلىنىپ، مودا ئېقىم پەيدا قىلىدىغان بولدى. بۇ يۈزلىنىش يېقىندا قويۇلغان «قۇياش ئەۋلادلىرى» دا يۇقىرى پەللىگە يەتتى.

ئىلگىرى جۇڭگولۇق كۆرۈرمەنلەر «يۇلتۇزدىن كەلگەن سۆيگۈنۈم» ۋە باشقا كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى كورىيەدە قويۇلۇپ بولغاندىن ئاندىن كۆرەلەيتى، ھازىر بولسا «قۇياش ئەۋلادلىرى» نۆل ۋاقىت پەرقى بويىچە جۇڭگو ۋىدىئو تورىدا قويۇلۇپ، تۇنجى قېتىم ھەقىقىي تۈردە كۆرۈرمەنلەرنى كورىيەلىكلەر بىلەن تەڭ ۋاقىتتا تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن ھوزۇرلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
ئىككى ھەپتە قويۇلغاندىن كېيىن «قۇياش ئەۋلادلىرى» كورىيە ۋە جۇڭگودا مۆجىزە خاراكتىرلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشتى. كورىيەدە بىرىنچى قىسىم قويۇلغاندا كۆرۈلۈش نىسبىتى %14.3ئىدى، ئۈچىنچى قىسىمدا %23.4 گە يەتتى، تۆتىنچى قىسىمغا كەلگەندە بولسا %24.1 بولدى، بۇ  نەتىجە «يۇلتۇزدىن كەلگەن سۆيگۈنۈم» دىن پەرقلەنمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ھالقىپ يۈزلىنىشىدە تۇرماقتا. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەڭ ۋاقىتتا قويۇلۇۋاتقان ئەيچىيى تورى سۇپىسىدا بولسا، بىرىنچى قىسىمنىڭ قويۇلۇش قېتىم سانى 24 سائەت ئىچىدە 30 مىليوندىن ئاشقان، ئۈچىنچى قىسىم قويۇلغاندىن كېيىن، ئومۇمىي قويۇلۇش نىسبىتى 100 مىليونغا يەتتى، 8-مارت تۆتىنچى قىسىم قويۇلغاندىن كېيىن، قويۇلۇش نىسبىتى 300 مىليوندىن ئاشتى.
كۆرۈلۈش نىسبىتىدىن باشقا، «قۇياش ئەۋلادلىرى» ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشتى. ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىدا ۋە سۆز تېمىسى رەت تەرتىپىلىرىدە دائىم بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پەقەت تۆت قىسىم قويۇلۇپلا، سىنا مىكرو بلوگىدا «قۇياش ئەۋلادلىرى» پاراڭ تېمىسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 2 مىليارد 490 مىليونغا يەتتى، بىر ھەپتە ئىچىدە 1 مىليارد كۆپەيدى.
بۇنىڭدىن باشقا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئايال باش رولچىسى، گۈزەللىكىنى 20 يىل ئۆز پىتى ساقلىغان سوڭ خۈيچياۋ نۇرغۇن ئەر كۆرۈرمەنلەرنى جەلىپ قىلىۋالدى. يېقىندا ھەربىيىلىكتىن قايتىپ كەلگەن ئەر باش رولچى سوڭ جوڭجى ئەرلىك جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلىپ نۇرغۇن مەستانىلەرگە ئېرىشتى. 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2