
ۋاڭيى تېخنىكا قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى :
23-ئىيۇل كۈندىلىك پوچتا گېزىتىدىن ئىگەللىنىشچە، 2004-يىلى قويۇلغان فانتازىيىلىك فىلىم «ماشىنا ئادەم» دە ۋېر شىمىس رول ئالغان باش پېرسوناژ ماشىنا ئادەم قوشۇنىنىڭ ئىنسانلاردىن ئېشىپ كېتىشىنى توسۇپ، ئۇلارنىڭ دۇنيانى كونتىرول قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسىدە ماشىنا ئادەم سانى ئىنسانلاردىن ئېشىپ كېتىدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلار نۆۋەتتە يېڭى يۇمشاق دېتال ياساشنى تەتقىقات قىلىۋېتىپتۇ، ئىنسانلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ماشىنا ئادەمنى كونترول قىلىشى ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.
ئالىملار ئىنسانلارنىڭ قانداق قىلىپ سانى كۆپ ماشىنا ئادەملەرنى كونترول قىلالايدىغانلىقىغا بەك قىززىقىپ قالغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە ماشىنا ئادەم سانى ئىنسانلاردىن خېلى كۆپ ساندا ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇ بىر ئادەمنىڭ كۆپ ماشىنا ئادەمنى كونترول قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. سانائەتتە ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئادەمنىڭ فىزىكىلىق خەتىرى ئىنسانلارغا تەھدىت سالسىمۇ، بىراق ماشىنا ئادەملەر كونترول قىلغىلى بولىدىغان مۇھىتتا بىخەتەر مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ. تەتقىقاتچىلار: ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئۆيدە ۋە خىزمەت سورۇنىدا ئىنسانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، ماشىنا ئادەملەر كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. بىراق نۆۋەتتە ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن چەكلىك، دېدى.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتىكى تەرەققىياتنىڭ ئاستا بولىشىنىڭ سەۋەبى ماشىنا ئادەم تەتقىقاتىغا كېتىدىغان راسخوتنىڭ بەك يۇقۇرى بولغانلىقىدىن ئىكەن. بۇ يەنە ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قاتتىق دېتاللارنى كونترول قىلىشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. ئامرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى تەتقىقاتچىلار يېڭى يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىپ چىققان، ماشىنا ئادەملەر بىلەن ئاساسى تورنىڭ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرلىشىنى بىرىكتۈرۈپ، ماشىنا ئادەم ئۆگەنگۈچىسىنى تېخىمۇ كۆپ قاتتىق دېتاللارنى باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ نامى CARL، ئىنسانسىمان كونتروللىغۇچنىڭ بەدەن ھەرىكىتىنى بايقاپ، ماشىنا ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى دورايدۇ. CARL سېستىمىسى ئېنتېرنېتتا ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، كىشىلەر يانفون ئارقىلىق ماشىنا ئادەملىرىنى كونترول قىلالايدىكەن. بۇ تېخنكا كىشىلەرنى ئاسانلا زور ساندىكى ماشىنا ئادەملەرنى باشقۇرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرسىمۇ، لېكىن ماشىنا ئادەم قوشۇننى قۇرۇش ۋە يوقۇتۇشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن، ئۇلار پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ كونتروللىقىدا بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئەمگەك بازىرىدا ئىشلىتىلىشى كۈنسېرى يارقىنلىشىغا ئەگىشىپ، يېمەكلىك مۇلازىمەت ساھەسى ۋە ياسىمىچىلىق ساھەسىدە ئىنسانلارنىڭ خىزمەت ئورنى تېز سۈرئەتتە يوقىلىۋاتىدۇ. مىكىنسىي (McKinsey) دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يىغقاندىن كېيىن، ئاساسەن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان فىزىكىلىق ھەرىكەت ساھەسى (مەسىلەن يېمەكلىك ساقلاش) ئاپتوماتلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ چوڭكەن.