چېلسىنىڭ قاپقىچىسى كۇرتىۋانىڭ تىزى ئېۋىرتون بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقىدە يارلانغان بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىش چىقماسلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
بىلگىيەلىك بۇ قاپقىچى بىلگىيە كوماندىسى بىلەن دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن چېلسىغا قايتىپ كەلگەن، بىراق چېلسىغا قايتىپ تۇنجى مەيدان مەشىقتە تىزى يارىلانغان. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، يېڭى پەسىللىك ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى چېلسى بىلەن سىۋانسىي ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدىن ئىلگىرى، بىلگىيەلىك بۇ قاپقىچىنىڭ تىزىدا مەسىلە كۆرۈلگەن، بىراق ئۇ يەنىلا مۇسابىقىگە قاتنىشىۋەرگەن. شۇ مەيدان مۇسابىقىدە، كۇرتىۋا قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچراپ مەيداندىن چىقىرۋېتىلگەن. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇرتىۋا كېلەر ئايدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىمۇ مەيدانغا چىقالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.