يۈ جېڭشېڭ ئۆمەك باشلاپ يەكەن ناھىيەسىگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن ھال سورىدى ۋە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > شىنجاڭ >

يۈ جېڭشېڭ ئۆمەك باشلاپ يەكەن ناھىيەسىگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن ھال سورىدى ۋە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى       ئاۋاتلىقى 2497   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 28-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

 سۈرەتتە: يۈ جېڭشېڭ ئېلىشقۇ بازىرىنىڭ نوچىبازار كەنتىدىكى يېزا ياشلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا. 

مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى 
   مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 27-سېنتەبىر مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى باشلاپ يەكەن ناھىيەسىگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكتىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا بايراملىق تىلەكلەرنى تىلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جېڭۋېيمۇ تەكشۈرۈش ۋە ھال سوراشتا بىللە بولدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ھەھراھ بولدى.
 
  27-سېنتەبىر ئەنئەنىۋى تاۋۇز چاغىنى، شۇنداقلا قۇربان ھېيت بولغاچقا، يەكەن دەرياسى بويى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدىكى نوچىبازار كەنتىگە كەلدى. بۇ كەنتنىڭ مۇھىتى پاكىز، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار ۋە قىزىل پانۇسلار ئېسىلغانىدى، دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىنىڭ تېمىغا مول ھوسۇللۇق، شاد-خۇراملىق ۋە مىننەتدارلىق تېمىسىدىكى دېھقانلار سىزغان رەسىملەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ياخشى كۈنلىرىمىزنىڭ مەنبەسى»، «ھەر قايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك سېنىڭ، مېنىڭ دەپ ئايرىماي، قەلبداش بولۇپ، بوران - چاپقۇنلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرايلى» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكاتلار كەنتتىكىلەرنىڭ قەلبىدىكى چەكسىز ھاياجىنى ۋە خۇشاللىقىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
 
  نوچىبازار كەنت ئاھالە كومىتېتىدا يۈ جېڭشېڭ ياردەم بېرىپ تەربىيەلەش-ئۆزگەرتىش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن بەرگەن دوكلاتنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى يوقلىدى ۋە كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى.كەنت ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزى ئالاھىدە ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. يۈ جېڭشېڭ بۇ يەرگە كېلىپ، يۈسۈپقادىر مەمەتئىمىننىڭ تاللا بازىرىغا كىردى، دۇكاننىڭ ئىچى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، مېۋە ئىچىملىكى، ئۇششاق يېمەكلىكلەر، زىببۇ-زىننەت، كىيىم-كېچەك قاتارلىق كۈندىلىك بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى، نەرسە سېتىۋېلىۋاتقانلار يۈ جېڭشېڭنىڭ ئەتراپىنى ئورۇۋېلىپ، تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى بەس-بەستە سۆزلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتىن چەكسىز مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
 
  كەنت ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىدى، كەنتتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى تىكتاك توپ ئويناۋاتاتتى، بەزىلىرى مەدەنىيەت ئۆيىدە ئۇسسۇل مەشىق قىلىۋاتاتتى؛ تېخنىكا-ماھارەت تەربىيەلەش ئۆيىدە، قوش تىل، تىككۈچىلىك، كەپشەرلەش، تامچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش قارار، تۈركۈم بويىچە قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، تەربىيەلەش كۇرسى كۆپلىگەن يېزا ياشلىرىنى ماھارەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكەنىدى. يۈ جېڭشېڭ يېزا ياشلىرى، «تۆت پېشقەدەم» لەر قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن سەمىمىي سۆزلەشتى، كەنتنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
 
  يۈ جېڭشېڭ يەنە كەنتتىكى ئابلىمىت ئابلىزنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىيات، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. يۈ جېڭشېڭ ئۇلارنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدە ئولتۇرغانلىقى، يىلىغا 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدىغانلىقى، كۈنلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى ھەم يېڭى ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
 
  يۈ جېڭشېڭ يېڭى ئۆينىڭ ھويلىسىدا ئابلىمىت ئابلىزنىڭ نەۋرىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ كۆپچىلىك بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى كىرىمنى ئاشۇرۇش ئويلىرىدىن ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكىچە، قوشنا-قولۇملار مۇناسىۋىتىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغىچە دېيىشىپ، ھويلىنىڭ ئىچى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: تەستە قولغا كەلگەن بۈگۈنكى تىنچ، ئىتتىپاق ياخشى ۋەزىيەتنى ئالاھىدە قەدىرلىشىمىز كېرەك. ھەر قايسى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك.
 
  يۈ جېڭشېڭ نوچىبازار كەنتىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا كەنتتىكىلەر يۈ جېڭشېڭنى ئوتتۇرىغا ئېلىۋېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»، دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.
 
  ئارقىدىن يۈ جېڭشېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يەكەن ناھىيەسىدە كادىرلار، ئامما سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. كەنت ئاھالىسى ۋەكىلى، يېزا-بازاردىكى كادىرلار ۋەكىلى ۋە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى سۆز قىلدى. 20 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئايشەمگۈل دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئېغىر تەسىرى ۋە تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتىپ، ئاخىرىدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى پۇقرا تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغانلىقى، ئاندىن ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستۇدېنتى بولغانلىق كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ جەمئىيەتتىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئىكەنلىكىنى سۆكۈپ، ئۇنى چوقۇم يوقىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
 
  يۈ جېڭشېڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بەزىدە گەپ قىستۇرۇپ كونكرېت ئەھۋاللارنى سورىدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: يەكەن ناھىيەسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مۇددەت خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، زور قۇربانلىق بەردى، بۇ، كىشىنى قايىل قىلىدۇ. يەكەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ يەرنى ياخشى قوغدىغاندىلا قەشقەرنىڭ مۇقىملىقىنى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، پۇقرالارغا تىنچ، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغىلى بولىدۇ.
 
  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن ئۇزاق مەزگىل جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۇزاق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. تۈرلۈك چارە-تەدبىر ئارقىلىق خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چىڭ، پۇختا تۇتۇپ ئىشلەپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئۆزئارا سەمىمىي بولۇش ۋە باردى-كەلدى قىلىشقا، قەلبلەرنى مايىل قىلىدىغان، ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىپ، كادىرلار ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە يېزا، كەنت رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلا ۋە كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
 
  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3-شىسى يەكەن دېھقانچىلىق مەيدانى بىڭتۈەننىڭ يەكەن ناھىيەسىدىكى مۇقىملىقنى ساقلايدىغان، چېگرانى قوغدايدىغان بىردىنبىر تۈەن-مەيدانى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 27-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى، يۈ جېڭشېڭ تۈەن-مەيداننىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، 10 مىڭ تۇياق قوي بېقىلىدىغان باقمىچىلىق بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تۈەن-مەيداننىڭ باقمىچىلىق ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى ھەم تۈەن-مەيداندىكى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى.
 
  يۈ جېڭشېڭ قاتارلىقلار يەنە يېڭىسار ناھىيەسىدىكى قەشقەر «جۇڭشىڭ» پەلەيچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ شەھەر يېزىسى قازانچىئېرىق كەنتىدىكى ھەمراھ زاۋۇتى، كارخانىنىڭ باش ئىشتابىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنىڭ «جۇڭشىڭ» پەلەيچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، كارخانىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىسار ناھىيەسىگە ماكانلىشىپ، «شىركەت + ھەمراھ زاۋۇت + دېھقانلار»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ناھىيە بازىرىدا باش ئىشتاب قۇرۇپ، ئەتراپتىكى يېزا، كەنت ۋە مەھەللىلەردە ھەمراھ زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ، يەرلىكتىكى 1300 دىن ئارتۇق ئاز سانلىق ئاممىنىڭ شۇ جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.
 
  يۈ جېڭشېڭ پەلەي تىكىش سېخىغا كىرىپ، ئىشچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە كىرىم ئەھۋالىنى سورىدى، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە يەرلىكتىكى ئاز سانلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. يۈ جېڭشېڭ كۆپچىلىكنى داۋاملىق تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشكە رىغبەتلەندۈردى.
 
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى خەن يۇڭ تەكشۈرۈش ۋە ھال سوراشتا بىللە بولدى.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2