پۇل تېپىش، پۇل خەجلەش ۋە پۇل ئامانەت قويۇش-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

پۇل تېپىش، پۇل خەجلەش ۋە پۇل ئامانەت قويۇش

مەنبە : uy.ts.cn/       ئاۋاتلىقى 1231   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 11-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 خۇاڭ جېي

   پۇل تېپىش، ئېشىنچا پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئىقتىساد باشقۇرۇش قارىشىدۇر. لېكىن تاپقان پۇلنى قالايمىقان خەجلەپ، قانچىلىك ئاشسا شۇنى ئامانەت قويىدىغان، ئاخىرىدا ئامانەت قويغۇدەك پۇلىمۇ قالمايدىغان، بەزىدە ھەتتا ‹‹قىزىل رەقەم كۆرۈلىدىغان›› ئەھۋاللارمۇ بار. مەن ‹‹ ئاۋۋال خەجلەيدىغان پۇلنى ئايرىۋېلىش، ئاندىن ئېشىنچا پۇلنى ئامانەت قويۇش››نىڭ ئەكسىچە، ‹‹ ئاۋۋال ئامانەت قويىدىغان پۇلنى ئايرىۋېلىش، ئاندىن ئاشقان پۇلنى خەجلەش››نى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاۋۋال پىلانلىق پۇل ئامانەت قويۇش، ئاندىن خەجلەيدىغان پۇلنى ئايرىۋېلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا پۇلنى ياخشى باشقۇرۇپ، تۇرمۇش بېسىمىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.

   قاراشنى ئۆزگەرتىشكە مەلۇم جەريان كېتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ياشاش شارائىتى ئوخشىمىغاچقا، پۇل تېپىش، پۇل خەجلەش ۋە پۇل ئامانەت قويۇش قارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر پۇل تېپىش خەجلەش ئۈچۈندۈر، تاپقان پۇلنى ئامانەت قويۇۋەتسەك، پۇل تېپىپ نېمە قىلىمىز؟ دېيىشىدۇ. ھەقىقەتەن، پۇل تېپىشتىكى مەقسەت خەجلەش ئۈچۈندۇر، لېكىن پۇل خەجلىگەندە پۇلسىز قالىدىغان چاغلارنىمۇ ئويلىشىپ قويۇش كېرەك. دېمەك، بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇش ئارقىلىق، پۇلسىز قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. لېكىن قانچىلىك پۇلنى ئامانەت قويۇش كېرەك؟ قەيەرگە ئامانەت قويۇش كېرەك؟ پۇل ئامانەت قويۇشتىكى پىلان قانداق بولۇشى كېرەك؟ بۇنى شەخس ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. پۇلنى قانداق ئامانەت قويۇش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا پۇلدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ بۇ ئىلمىي ئىقتىساد باشقۇرۇش قارىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىساد باشقۇرۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

   كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ پۇل ئامانەت قويۇشى بىرىنچىدىن، تىرىكچىلىك، ئىككىنچىدىن، بىخەتەرلىك ئۈچۈندۇر. شۇڭا ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىزنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ، مەبلەغ سېلىش نىشانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك، يەنە ئۆزىمىزنىڭ قايسى خىلدىكى مەبلەغ سالغۇچى، خەۋپكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىمىز قانچىلىك؟ دېگەنلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.

   ئومۇمەن، پۇل تېپىش، پۇل خەجلەش ۋە پۇل ئامانەت قويۇش توغرىسىدا ھەممە كىشى كۆڭلىدە ئۆز ئالدىغا چوت سوقىدۇ. ئىقتىسادىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئەڭ ياخشى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلا، باياشات تۇرمۇشقا يېقىنلاشقىلى بولىدۇ.

 

ئەسلى مەنبە:  http://uy.ts.cn/news/content/2015-09/10/content_451206.htm 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2