
تۈركىي ۋە پارسىي مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان نورۇز بايرىمى كېلىش ھارپىسىدا، مۇناسىۋەتلىك تەبرىكلەر «نورۇز مۇبارەك» ۋە «نەۋرۇز مۇبارەك» دەپ ئىككى خىل يېزىلىپ، زادى «نورۇز» دەپ يېزىش كېرەكمۇ ياكى «نەۋرۇز» دەپ يېزىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئۇيغۇر خەلقى سەل قايمۇقماقتا، زىيالىيلار بولسا ھازىر «نورۇز» ۋە «نەۋرۇز»دىن ئىبارەت ئىككى خىل يازىدىغان ھالەتكە كەلمەكتە.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە لۇغەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئىزچىل تۈردە «نورۇز» دەپ ئېلىنماقتا. تېلېۋىزىيە، رادىئو ۋە مەتبۇئاتلاردىمۇ «نورۇز» سۆزى ئىشلىتىلمەكتە. لېكىن يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە، بەزى ئەدىبلىرىمىزنىڭ بۇنى «نەۋرۇز» دەپ يېزىش ۋە شۇنداق ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بۇ ئەنئەنىۋى بايرام «نورۇز» ۋە «نەۋرۇز»دىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزىلىدىغان ھالەت بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا.
دەرۋەقە، «نورۇز» سۆزى پارسچىدىن كىرگەن بولۇپ، پارسىچىدىكى يېزىلىشى «نوروز»، ئوقۇلۇشى «نەۋرۇز»دۇر. بەزى ئەدىبلىرىمىز دەل پارسچىدىكى «نەۋرۇز» ئوقۇلۇشىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، ئەدەبىي تىلىمىزدا قېلىپلىشىپ بولغان «نورۇز» سۆزىنى «نەۋرۇز» غا ئۆزگەرتىشكە شۇئار توۋلىماقتا.
ئۇنداقتا، شۇ شۇئارنىڭ ئىدىيەسى بويىچە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، تىلىمىزدا پارسچە تەلەپپۇزدىن چەتنىگەن، لېكىن ئۇيغۇر تەلەپپۇزىغا ماس كېلىدىغان نۇرغۇن سۆزلۈكلەر بار. مەسىلەن:
پارسچە تەلەپپۇز ئۇيغۇرچە قېلىپلاشقىنى
گەۋھەر گۆھەر
سەۋدا سودا
سەۋداگەر سودىگەر
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىكى بەزى «ئە» تاۋۇشلۇق سۆزلەرمۇ «ئو» ياكى «ئۆ»لەر بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئەسلىدىكى «ئەتۈك» سۆزى «ئۆتۈك»، «ئەۋ» سۆزى «ئۆي» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
قېلىپلىشىپ بولغان ئاتالغۇ- سۆزلەرنى ئەسلى تەلەپپۇزىغا ياكى ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرىمەن دېيىش ھامان تىلىمىزدا بىر يۈرۈش ئىملا ئۆزگەرتىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، تىل- يېزىقىمىزنى ئېگىز- پەس قىلىۋېتىدۇ.
2009-يىلىدىكى ئىملا ئىسلاھاتىنىڭ دەردىمۇ تا ھازىرغىچە تارتىۋاتىمىز. چۈنكى بەزى سۆزلەر مەتبۇئاتتا بىر خىل، ئاۋام ئارىسىدا يەنە بىر خىل يېزىلىدىغان ھالەت شەكىللەندى. مەسىلەن: مەتبۇئاتتا «رادىيو»، ئاۋام خەلق «رادىئو»، مەتبۇئاتتا «ئىشتات»، ئاۋام خەلق «شتات»، ھەتتا دۆلەتلەرنىڭ ئىسىمىمۇ بۇرۇنقى «ئا ق ش» (ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى)دىن ھازىرقى «ئا ق ئى»غا، بۇرۇنقى ماداگاسكاردىن ھازىرقى ماداغاسقارغا، بۇرۇنقى ماسكاتتىن ھازىرقى مەسقاتقا ئۆزگىرىپ كەتتى. مۇشۇ قالايمىقانچىلىقلارمۇ بىزگە ئەسلى يېتىپ ئاشاتتى.
ھازىر دۇنيادا بىزدىن باشقا ھەمىشە ئىملا ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان مىللەت قالمىدى، كۆپىنچىسى بىرەر يۈز يىل ياكى نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى شۇ ئىملاسى بويىچە ماڭماقتا.
يەنە كېلىپ، ھېچقانداق بىر تىل باشقا تىلنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى دەپ، ئۆزىنىڭ يېزىق قائىدىسى ياكى ئىملا ھالىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئېنگلىزلار چىڭگىزخاننى Genghis Khan دەپ يازىدۇ ھەم «جېنگىس كەن» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ، ھەم بۇ ئىملانى ياكى تەلەپپۇزنى ئەسلىدىكى «چىڭگىزخان»غا بويىچە ئۆزگەرتمەيدۇ. خەنسۇلارمۇ «ئامېرىكا»نى ئەينى تەلەپپۇزغا يېقىنلاشتۇرۇپ «阿美日卡» دېسە بولاتتى، لېكىن ھازىرمۇ يەنىلا تەخمىنەن بىر ئەسىر بۇرۇنقىسى بويىچە 美国 دەپ يازىدۇ ھەم ئەسلى تەلەپپۇزىدىن بەك يىراق بولغان ھالدا «مېيگو» دەپ ئاتايدۇ.
شۇڭا، «نورۇز»نى «نەۋرۇز» قا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ئەدىبلەرنى قارىغۇلارچە ئىش قىلدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى قېلىپلىشىپ بولغان ئاتالغۇلارنى قايتىدىن ئۆزگەرتىش ۋە باشقىچە تەشۋىق قىلىش بىزدىدىكى ئىملا قالايمىقانچىلىقىنى كۈچەيتىۋېتىشتىن باشقا، يات مىللەتنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆز مىللىتىگە مەجبۇرى تېڭىش بەزىبىر قۇلايسىزلىقلارنى ۋە قائىدىسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئاخىرىدا مەن كۆپچىلىككە يەنىلا بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىزنى «نورۇز» دەپ ئۇيغۇر تەلەپپۇزىدا ئېيتىشىنى ۋە شۇنداق يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يازمىدا: ئىسكەندەر جېلىل
قومۇل تارانچى
2016-يىلى 19- نورۇز