نۇر تورى مەخسۇس خەۋىرى :
2015-يىلى 16-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا سارىيى يىغىن زالىدا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 100 سان نەشىر قىلىنغانلىقى خۇلاسە يىغىنى غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلدى.
پائالىيەتكە ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام ئەپەندى، ۋە ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر قەدەم تەشرىپ قىلدى.
پائالىيەتكە يەنە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشالىشى ئۈچۈن ئىزچىل تۆھپە قوشۇپ كەلگەن ئۇستازلار ۋە قوللاپ كەلگەن كارخانىچىلارمۇ قەدەم تەشرىپ قىلدى.
ئالدى بىلەن ھوشۇر ئىسلام ئەپەندى سۆز قىلدى.
كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىغا كۈچ قوشۇۋاتقان ئۇستازلار مۇكاتلاندى.
خۇلاسە يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن پىكىر-ئالماشتۇرۇش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. سۆھبەت يىغىنىدا ھەرقايسى شىركەت ۋە ئورۇنلار بىلەن توختام ئىمزالاندى.
ئارقىدىن گاۋشيا خانىم سۆز قىلدى.
كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىلا ئەمەس، مەملىكەت تەۋەسىدە بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى پەن-تېخنىكا، تېخنىكا ئۇچۇرلىرى تونۇشتۇرۇلىدىغان ژۇرنالدۇر. ژۇرنىلىمىز نەشر قىلىنغاندىن بۇيان پەن-تېخنىكا ئۇچۇرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوقۇرمەنلەرگە يۈزلىنىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە بەلگىلىك رول ئويناپ كەلدى. تەھرىر بۆلۈمىمىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر سوفت شىركىتى، ئىزگۈ ئۇچۇر-تېخنىكا شىركىتى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلار شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ژۇرنال سەھىپىلىرىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇردى. ژۇرنال بۆلۈمىدىكى تەھرىرلەر يېڭى تەھرىرلىك مەشغۇلاتى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىپ، ژۇرنال ماقالىلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ۋە دەرھال ئىشلىتىپ قىيىن مەسىلىلەرنى دەرھال ھەل قىلالايدىغان، يېڭى كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارالايدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ماقالىلارغا ۋە سەھىپىلەرگە قويۇلغان تەلەپتە كومپيۇتېرنىڭ ھەرقايسى كەسىپ ۋە مەشغۇلاتتىكى ئىشلىنىش ئۇسۇلىنى ىاراتمىلىق ھالدا چۈشەندۈرۈشنى نىشان قىلدى.
بىز ئاخىرىدا ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدىن خەۋەردار بولۇش، قەدەمگە يېتىشىشى ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە قان-تەر ئاققۇزۇپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە مېھنەتكەش ئۇستازلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تېنىغا سالامەتلىك تىلەيمىز !