جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى- بىر قېتىملىق ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئەندىشىنى تۈگىتىدىغان، ھەمكارلىقنى مۇجەسسەملەيدىغان، خەلققە يۈزلەنگەن، كەلگۈسىنى يارىتىدىغان سەپەر. رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن كۆپ مەيداندا سۆھبەتلىشىدۇ، ئامېرىكا ۋە دۇنياغا جۇڭگونىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە خوجا بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىدەك ئېنىق ئۇچۇرنى بېرىدۇ. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ، چەكسىز ئىچىۋېتىلگەن، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تېخىمۇ ساغلام، بازار تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇۋاتقان جۇڭگو ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى ھەمكارلىشىش كەلگۈسىنى ئاچىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى سېئاتىلدىن باشلىنىدۇ، كۆپرەك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ،ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، پۇقرالار بىلەن يېقىنلىشىش-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى. رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى يۈرۈشلۈك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدىكى مۇنبەرگە چىقىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەيدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللانغان زور تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى شۇنداقلا يەر شارى تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەشەببۇسىنى جاكارلايدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://www.uycnr.com/xwzx/gnxw/201509/t20150917_968469.html