فىلىپپىننىڭ كاندىدات زۇڭتۇڭى: زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەرگە 710 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىمەن-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > خەلقئارا >

فىلىپپىننىڭ كاندىدات زۇڭتۇڭى: زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەرگە 710 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىمەن

مەنبە : نۇر تورى       ئاۋاتلىقى 2228   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 06-06-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«فىلىپىن سودا گېزىتى» نىڭ 6-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىننىڭ كاندىدات زۇڭتۇڭى دۇتېدى 5-ئىيۇن «مەن زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەرگە 5 مىليون پىسو (تەخمىنەن 710 مىڭ يۈەن) مۇكاپات بېرىمەن. ناۋادا تىرىك بولسا، پەقەت 4.999 مىليون پىسو (تەخمىنەن 700 مىڭ يۈەن) مۇكاپات بېرىمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى زەھەر ئەتكەسچىنى ئۆلتۈرگەن ياكى تۇتقان ھەربىر كىشىگە 3 مىليون پىسو (تەخمىنەن 430 مىڭ يۈەن) مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، دۇتېدى فىلىپىنلىقلارنىڭ مەھەللىلەردە زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تۇتۇشقا تەشكىللىگەن. 5-ئىيۇندىكى نۇتۇقىدا، دۇتېدى زەھەرلىك بۇيۇمنى «تارقىتىپ ساتقۇچى» نى ئۆلتۈرگەنلەرگە 2 مىليون پىسو (تەخمىنەن 280 مىڭ يۈەن) مۇكاپات بېرىمەن، ھەم زەھەرلىك بۇيۇمنى «تارقىتىپ ساتقۇچى» نى تۇتقان ئادەمگە بىر مىليون پىسو مۇكاپات بېرىمەن. ناۋادا كىچىك ئەتكەسچى بولسا، ئاممىنىڭ 50 مىڭ پىسو (تەخمىنەن 7100 يۈەن) مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار، دېگەن.
دۇتېدى ناۋادا زەھەر ئەتكەسچىسى تۇتۇشقا قارشىلىق قىلىپ پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ پەيدا قىلسا، ئادەتتىكى پۇقرالار زەھەر ئەتكەسچىسىنى ئېتىۋەتسە بولىدۇ. «خالىغان ۋاقىتتا دېلو مەلۇم قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز، ناۋادا قورال بولسا ئۆزۈڭلار قول سالساڭلار بولىدۇ. مەن سىلەرنى قوللايمەن. ناۋادا زەھەر ئەتكەسچىسى قارشىلىق كۆرسەتسە، سىلەر ئۇلار ئېتىۋەتسەڭلار بولىدۇ.» دېگەن.
دۇتېدى يەنە «تۇتۇش جەريانىدا، سىلەر چوقۇم قارشىلىق كۆرسەتكەن جىنايەتچىنى بويسۇندۇرىشىڭلار كېرەك. ناۋادا گۇماندار قارشىلىق كۆرسەتسە، سىلەر قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرىۋەتسەڭلار بولىدۇ. ناۋادا قارشى تەرەپ قارشىلىق بىلدۈرسە ھەم قورال بولسا بىۋاستە ئېتىۋەتسەڭلار بولىدۇ. مەن سىلەرگە مېدال تارقىتىمەن. ناۋادا سىلەر ھەر كۈنى مۇشۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرنى ساقچى باشلىقى قىلىمەن.» دېگەن. 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2