گارفىلىد: دۇنيانى قۇتقۇزۇش پەقەت بىر ئادەمنىڭلا ئىشى ئەمەس-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > سەنئەت >

گارفىلىد: دۇنيانى قۇتقۇزۇش پەقەت بىر ئادەمنىڭلا ئىشى ئەمەس

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 422   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 11-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

مارۋېل ۋە سونىي ھەمكارلىشىپ يېڭى نۇسخىدىكى ئۆمۈچۈك پالۋاننى ياساشنى پىلانلىغاندىن كېيىن، «The Amazing Spider-Man » «دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆمۈچۈك ئادەم» قاتارىمۇ ئاخىرى فىلىمدا باش رول ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ رولىنى ئالىدىغان ئاندرىۋ گارفىلىدنىڭمۇ ئۆمۈچۈك پالۋان تۈرىدىن چېكىنىپ باشقا فىلىم تۈرىگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېقىندا ئاندرىۋ گارفىلىد تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رولى ئۆمۈچۈك پالۋان توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان فىلىمىگە قارىتا كۆز قارشىنى بىۋاستە بايان قىلدى. 

ئۇ زىيارەتتە، «ئۆمۈچۈك پالۋان» غا ئوخشاش بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان فىلىمىنىڭ ھەممىسىدە بىر يادرولۇق ئۇقۇم بار- بىر ئادەم دۇنيانى قۇتقۇزالايدۇ، بىر ئادەم پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزالايدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ خۇددى باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئاپەتكە قارىتا ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغانلىقى ئوخشايدۇ دەپ قارىغان. ئۇ يەنە گەندى، جون لېنون ۋە مارتېن لۇتېر كىڭ قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مىسالنى تىلغا ئالدى، ھەمدە بۇ كىشلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بۇ دۇنياغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى، ئەكىسچە ھەرخىل ھەرىكەتنى قوزغاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى يەتكۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسەتتى دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. 

ئاندرىۋ گارفىلىد «دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆمۈچۈك ئادەم» نى سۈرەتكە ئالغاندا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بۇ خىل ئىدىيەنى كىنوغا ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپ باققانلىقىنى ئېيىتتى. بۇ فىلىمنىڭ ئاخىرىدا، مۈڭگۈزلۈك ئادەم پەيدا بولۇپ قايتا شەھەرگە تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ، بىر ئۆمۈچۈك پالۋان كىيىمىنى كىيگەن ئوغۇل شۇ ۋاقىتتا مۈڭگۈزلۈك ئادەم بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل يۈزلىنىشنى ئەمەس، ئەكىسچە باشقا كىشلەرگە ئوخشاش قېچىپ كېتىشنى تاللايدۇ. بۇ دەل ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ سالاھىيىتىگە باسقان ئادالەت تۇيغۇسى باشقا كىشلەردە پەيدا قىلغان ئىجابىي تەسىر. 

ئىگەللىنىشىچە، ئاندرىۋ گارفىلىدنىڭ يېڭى فىلىمى «99 ئائىلە» 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىمالى ئامېرىكىدا قويۇلىدىكەن. 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋىلىغان بۇلۇپ تور بىكىتمىز بىلەن نەشىرى ھۇقۇقى جەھەتتە ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ،ئەگەر نەشىرى ھۇقۇقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ بىز 24سائەت ئىچىدە سىز دىگەن مەزمۇنلارنى ئۈچۈرۈپ بىرىمىز.

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000 :توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2