9-ئاينىڭ 14-كۈنى، توقسۇن بازىرى يۈچۈەن مەھەللىسىدىكى ياش ئالىم ئابدۇراخمان ۋېلىسپىتنى تەتۈرىسىگە مىنىپ 45 كىلومېتىر مېڭىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىگەن.
شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:30 ئۆتكەندە، ئالىم ئابدۇراخمان شاۋساۋخۇ ھەق ئېلىش پونكىتىدىن يولغا چىققان بولۇپ، 45 كىلومېتىرلىق پۈتۈن مۇساپىدە، ۋېلىسپىتكە تەتۈرىسىگە مىنىۋالغان ئالىم ئابدۇراخمان يولبويى توختىماي مېڭىپ، 112 مىنۇتتا ناھىيە مەركىزىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلگەن. ئوت يۈرەك ياش ئالىم ئابدۇراخمان دادىللىق بىلەن ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئۇسۇلى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن.
يۈچۈەن مەھەللىسىدىكى ياش ئالىم ئابدۇراخمان
ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن ۋەتىنىم ۋە يۇرتۇمغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بۇ قېتىم شاۋساۋخۇدىن توقسۇن ناھىيەسىگە ۋېلىسپىتنى تەتۈر مىنىپ ماڭدىم، كېيىنچە مەن توقسۇن ناھىيەسىدىن قەشقەرگىچە جەمئىي 1500 كىلومېتىر كېلىدىغان ئومۇمىي مۇساپىنى ۋېلىسپىتنى تەتۈر مىنىپ مېڭىشقا تەييارلىق قىلىمەن، شۇ ئارقىلىق دۇنيا جېنىس رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلماقچى.»