رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى 31 -دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كېرمېل سارىيى ئاخبارات ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ روژدېستۋو بايرىمى ۋە يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى دېيىلگەن. پۇتىن: موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ مۇناسىۋىتى خەلقئارا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە رەھبىرى: مەن رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشقان ئاساستا ئىجابىي سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىق ئۈستىدە ئويلاشسا، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى خىرىس ۋە يېڭى تەھدىتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى ھەمدە ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ كىرزىسىنى پەسەيتىشنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن دېگەن. يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، پۇتىن يەنە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندىنىڭ يېڭى يىلى ۋە روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلىگەن ھەمدە رۇسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىملىقى شۇنداقلا رۇسىيە-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىجابىي ئەھمىيىتىنى قايتا تەكىتلىگەن.
ئەسلى مەنبە: http://www.uycnr.com/xwzx/tpxw/201512/t20151231_997920.html