مۇخبىرىمىز ليۇ چىڭشىيا خەۋەر قىلىدۇ: كورلىلىق س XX قوشنىسىنىڭ پىراۋىسىنى ئوغرىلاپ، ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى چاپلاپ، پىراۋىدىكى 12 نومۇرنى 4000 يۈەنگە ساتقان. مۇخبىرنىڭ 6- سېنتەبىر كورلا ساقچىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە س XX جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.
3- سېنتەبىر سائەت 9:00 لاردا كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ ساقچىخانىسى ت XX نىڭ پىراۋىسىنىڭ ئىيۇلدا يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى، 2- سېنتەبىر قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن نومۇر تارتقۇزماقچى بولغاندا، پىراۋىسىدىكى 12 نومۇرنىڭ 23- ئاپرېل تولۇق تارتىپ بولۇنغانلىقىنى بىلگەن. ساقچىلار دەرھال بۇ ئىشنى تەكشۈرگەندە كىرىشىپ، ت XX نىڭ قوشنىسى س XX نىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، 4- سېنتەبىر س XX نى تۇتقان، س XX قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلغان. س XX نىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ بىر قېتىم قوشنىسى ت XX نىڭ ئاپتوموبىلىغا چىقىپ ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا، ت XX نىڭ پىراۋىسىنى ئوغرىلىۋالغان. 23- ئاپرېل ئاغىنىسىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ت XX نىڭ پىراۋىسىدىكى 12 نومۇرنى 4000 يۈەنگە ساتقان. ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلەرگە نومۇر سېتىپ بېرىش، ئۆتنە بېرىش قانۇنسىز قىلمىش ھېسابلىنىدىكەن.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.