تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئوقۇتقۇچى ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى روپايقا چىقارغۇچى، شۇنداقلا ئىشىنىشكە ۋە ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان ئەڭ كۆيۈمچان كىشىدۇر. خۇددى كىشىلەر ئېيتقاندەك ئوقۇتقۇچى مەڭگۈ ئۆچمەس چىراغقا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق يولىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «مۇئەللىم، مەن سىزنىڭ دەرسىڭىزنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمەن»، «مۇئەللىم مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مەيلى قەيەردە بولاي سىز مەڭگۈ مېنىڭ ئۇستازىم»، ‹‹سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز» دېگەن سۆزلىرى جاراڭلايدۇ.
31-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 27-، 18-باشلانغۇچ ۋە 8-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە زىيارەتتە بولۇپ دەرس ئارلىقىدىكى تەنەپپۇستا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان يۈرەك سۆزىنى دوسكىغا يېزىپ، ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان مىننەتدارلىقى ۋە بايراملىق سالاملىرىنى يوللاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2015-09/10/content_451189.htm