خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، 15كۈن ئىچىدە 9ئارام كۈنى بار، بۇ ئارام كۈنلىرىدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ «ئەمگەكچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەرگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 3ھەسسە مائاش بېرىدۇ.» سىچۈەن ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى دەم ئېلىشنى تەڭشەپ ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەندە ئاممىۋىي ئارام كۈنى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش ئۆلچىمى بويىچە ئىككى ھەسسە مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «بۇ 9كۈن ئىچىدە، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى تاۋۇز چاغىنى كۈنى ۋە 10-ئاينىڭ 1-، 2-، 3-ئۈچۈنچى كۈنلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئارام كۈنى، بۇ 4كۈندە 3ھەسسىچىلىك مائاش بېرىلىدۇ، باشقا 5كۈن ئارام كۈنى بولغاچقا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىلىدۇ.» خىزمەتچى خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ 9كۈننىڭ ھەممىسىدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەندە، يۇقىرى بولغاندا 22كۈننىڭ مائاشىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
ئەسلى مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15535824.html