مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر شىخەنزە، سانجىدا ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە كادىرلار ، ئاممىدىن ھال سورىدى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > شىنجاڭ >

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر شىخەنزە، سانجىدا ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە كادىرلار ، ئاممىدىن ھال سورىدى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى       ئاۋاتلىقى 1569   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 28-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

  مۇخبىرىمىز خەن لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى 27-سېنتەبىر مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3-تارماق ئۆمىكىنى باشلاپ شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كادىرلار، ئامما ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

 
  3-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا كەلدى. ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بىڭتۈەننىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئەركىن ئىمىرباقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۈەن شىنجاڭنى قۇرۇش مۇساپىسىدە شانلىق «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كۈيى» نى داۋاملىق ياڭرىتىشى كېرەك.
 
  ئارقىدىن 3-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ ھال سورىدى. ئەركىن ئىمىرباقى 3-تارماق ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، خەلق ساقچىسى، دېھقانلار، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلدى.
 
  ئەركىن ئىمىرباقى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننىڭ مۇھىم تۈگۈنى، شىنجاڭدا ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق رايون، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مەركىزىي رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مەركەزنىڭ ئىككى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۈش» ئۈچۈن، يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
 
  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مەبلىغى قەرزگە يەتمەيدىغان، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان كىچىك زاۋۇتتىن 20 نەچچە يىل توختىماي ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە جابدۇقچىلىق-ياسىمىچىلىق كارخانىسى، دۇنيا توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق كارخانىغا ئايلاندى. ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىگە كېلىپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
 
  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، غانىبات سابۇكەي، ليۇ شىنچىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتىدە ھەمراھ بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا تۇرغان

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2