مىكروسوفت 15-نويابىر Zune مۇزىكا مۇلازىمىتىنى رەسمىي تاقايدۇ-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > پەن- تىخنىكا >

مىكروسوفت 15-نويابىر Zune مۇزىكا مۇلازىمىتىنى رەسمىي تاقايدۇ

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 1710   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 18-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 تېڭشۈن تورى خەۋىرى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىكروسوفىت شىركىتى يىقىندا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى Zune مۇزىكا مۇلازىمىتىنى رەسمىي تاقايدىغانلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە ھەقلىق ئەزا بولغان ئابونتلارنىڭ مۇزىكا چۈشۈرۈش ياكى تور يۈزىدىكى مۇزىكىلارنى قويۇش ھوقوقىدىن بەھرىمان بولالمايدىغانلىقىنى، بىراق، داۋاملىق تۈردە Zune قويغۇچىسى ئارقىلىق مۇزىكا ئاڭلىسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇندىن باشقا، مىكروسوفىت شىركىتى بۇ يىل 7-ئاينىڭ بېشىدا Xbox Music مۇزىكا مۇلازىمىتىنىڭ نامىنى Groove گە ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىغان، ئەمدىلىكتە Zune ئابونتلىرىغا 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە، Groove سۇپىسىغا كۆچۈش تەكلىپىنى بەرگەن، ئىلگىرى Groove سۇپىسىدا ئايلىق ۋە پەسىللىك ئەزا ھوقوقىنى سېتىۋالغانلار Groove سۇپىسىغا كۆچكەندىن كىيىن، سىستېما تەرىپىدىن ئاپتوماتىك ھالدا Groove نىڭ ھەر ئايلىقى 9.99 دوللارلىق مۇلازىمىتىگە مۇشتەرى قىلىنىدىكەن، Zune نىڭ يىللىق مۇلازىمىتىنى سېتىۋالغانلار Groove نىڭ 99.9 دوللارلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايدىكەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى، ئالما شىركىتى بازارغا سالغان iPod ۋە iTunes قاتارلىقلار بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، مىكروسوفىت شىركىتى 2006-يىلى Zune قويغۇچىسى (قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىسى) ۋە ئۇنىڭغا ماس بولغان Zune سىفىرلىق مۇزىكا مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، بىراق، بازاردىكى ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغانلىقتىن، مىكروسوفىت شىركىتى 2011-يىلىغا كەلگەندە Zune قويغۇچىسىنى سېتىشنى توختاتقان، مانا ئەمدى Zune مۇزىكا مۇلازىمىتىمۇ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىكەن. بىراق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئوموملىشىشپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، مۇزىكا قويغۇچلارنىڭ بازاردىن شالللىنىپ كېتىشى ھامان يۈز بېرىدىغان ئىش، بۇ خۇددى ئىلگىرى دەھشەت دەۋىر سۈرگەن iPod قا ئوخشايدۇ.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2